2012.11.05

4-نويابىر كۈنى ئەنقەرە تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقى ھەققىدە توختالغاندا خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ، نۇقتىدا تارىختا تۈرك قەھرىمانى كۇرشادنىڭ 40 سەپدىشى بىلەن خىتاينىڭ خان سارىيىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتايلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئالاھىدە تونۇشتۇردى.
قۇرۇلتايدا دىۋان ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇغرۇل تۈركەش ئەپەندى بۇ قۇرۇلتايغا تۈركىيىدىن ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىران ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جەنۇبىي ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ رەئىسى چۆرنىگارىنىڭ تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قاتناشقۇسى بار تۇرۇقلۇق قاتنىشالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىر كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر قۇرۇلتايدا پارتىيىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى، ترابزون ۋىلايىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كوراي ئايدىن، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇساۋۋات دەرۋىشئوغلىدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى رەئىس نامزاتى بولۇپ سايلاندى. ئاخىرىدا دەۋلەت باغچەلى 1245 ۋەكىلنىڭ ئىچىدە 725 كىشىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن تۈركىيە «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» نىڭ 6-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ قۇرۇلتايدا پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېڭىدىن تەيىنلەندى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ئالتە كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى ۋە رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەزكۇر ۋەكىللەر قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى ۋە رابىيە قادىر خانىم نامىدىن ئۇنىڭ قايتا رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
سىيىت تۈمتۈركنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى»نىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قۇرۇلتايلىرىغا قارىغاندا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىدا نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.