خىتاي سۈرىيىدىكى ئىسيانچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيىگە ئەزالىرىنى ئەۋەتىپ، ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇشۇۋاتقان جىھاتچىلارغا ياردەم بەرگەن.
خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر جىھادچىلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ تەلىماتىغا ئاساسەن مەزكۇر جەڭگە قېتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. لېكىن مەركىزى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيىگە ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى رەت قىلدى.
فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پۇل ياردەم قىلدى
فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر تۈركۈم خەيرخاھ ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم قۇربان ھېيت ھارپىسىدا پۇل يىغىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئوغلى، جورىسى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرىكى يوقاپ كەتكەن ۋەتەندىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم قىلغان.
ياردەمدىن خەۋەر تاپقان ساقچى، يەرلىك ئاھالىلەر باشقۇرۇش تارماقلىرى بەزى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. يەرلىك ساقچى پونكىتى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرى، خوتەنلىك غايىبلاردىن مەمەت باراتنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى سۇدىخاننى سۈرۈشتۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭ قانچە پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، پۇلنىڭ كىمدىن كەلگەنلىكىنى سورىغان.
سۇدىخان، پۇلنى كىم ئەۋەتكىنىنى بىلمەيمىز. ئەۋەتىپتىكەن، خۇدايىم بەردى دەپ ئالدۇق، بىزنى باقىدىغان بالىلىرىمىزنى يوقىتىۋەتتى، تۇرمۇشتا قىينالدۇق، شۇڭا سوئال-سوراقلىرىغا بوش تۇرمىدۇق، دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بېلگىيىنى زىيارەت قىلىپ، 29-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بېلگىيە پارلامېنتى ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
ئالدى بىلەن، ئۇ بېلگىيە ھۆكۈمىتى تارمىقىدىكى مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، بېلگىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.
بېلگىيە كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئورنىدىكىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇ يەنە، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتىگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئۇيغۇر ئەرزدار، قەشقەر شامالباغلىق يۈز نەچچە ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭغا ئەرزگە كەلدى
قەشقەر شامالباغلىق 7 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار مەزكۇر يېزىدىكى يۈز نەچچە ئائىلىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنىپ، چېقىۋېتىلگەن ئۆي-زېمىن داۋاسى ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن.
يېزىلىق ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنىڭ يەر-زېمىنىنى شامالباغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش دېگەن نام بىلەن ئىگىلىۋالغان. ئەرزدارلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەرزدارلار ئىچىدىكى ئابدۇخالىق ھوشۇر، مەمتىمىن قادىر قاتارلىق ئىككىيلەن 31-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
قالغان ئەرزدارلار ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ بېيجىڭدا مۆكۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئەرزدارلار قەشقەر شامالباغدىكى ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلە ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رابىيە قادىرنى قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلدى
تۈركىيىنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 4-نويابىر چاقىرىلىدىغان 10-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلغان.
قۇرۇلتايغا رابىيە قادىر خانىمدىن سىرت يەنە، ئىراق تۈركمەنلىرى، بالقان تۈركلىرى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ياۋروپادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت شاندىر، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، نۆۋەتتە بېلگىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، تەكلىپنامىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، قۇرۇلتايغا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ ۋاكالىتەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيىدە ئۇيغۇر تارىخىي ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يېقىندا ياپونىيىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ۋە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ، توكيودىكى بىر مەركىزى يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.
يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى، دوكتور تۇرمۇھەممەت ئەپەندى دوكلات بەرگەن. يىغىندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇرمىلاپ، خىتاي خەلقى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىغا كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى، بۇنى تارىخ تەتقىقاتىدىكى زور نەتىجە سۈپىتىدە، چەتئەللەرگە تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئۆگەنگۈچى بەزى چەتئەللىكلەردە، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.