ياپونىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئەتكەسچىلىكتىن ھالىدۇر» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.11.01
masahiro-miyazaki-305.jpgياپونىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئەتكەسچىلىكتىن ھالىدۇر» ناملىق ماقالىسى توغرىلىق دوكلات بەرمەكتە. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، ياپونىيە.

مىيازاكى ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:
‏-خىتايغا قارشى تۇرۇش دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس بىر خىل ئىدىيە. پامىرنىڭ جەنۇبىدىن، تاجىكىستانغىچە ۋە ئافغانىستانغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا مەشىق كۆرگەن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى قوراللىنىپ، قونجىراپ يولى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرمەكچى بولۇۋاتقان بۇ يول، ھازىر خەلقئارادىكى بەزى تەرەپلەر ئېيتىۋاتقان خروئىن يولى بولۇپ، بۇ يول ئەمەلىيەتتە خروئىن ئەتكەسچىلىك يولى ئەمەس، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ھۇجۇمنى باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى پىلانلىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خەلقئارا جەمئىيەتكە سەت كۆرسىتىش مەقسىتىدە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، بۇلاڭچىلىق، قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكى ۋە ئىنسانلارنى گۆرۈگە ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلار بىلەن ئىقتىسادىنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى بۇنداق ئىشلاردىن خالىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئاساسلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن توپلانغان ئىقتىساد بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىئانە توپلاش يەنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىدىكى زاكاتتىن ئىبارەت كۈچلۈك دىنىي ئەقىدىسىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ. ئىسلام ئەللىرىدىكى نۇرغۇنلىغان پادىشاھلىق دۆلەتلەر تاشقى دىپلوماتىيىدە باشقا دۆلەتلەرگە دوستانە مۇئامىلىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردەك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئۈستەل ئاستىدىن پۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا چەتئەلدىكى نۇرغۇنلىغان ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى بۇ جەڭچىلىرىنى ئىقتىسادسىز قويمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ باشچىلىقىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، تىبەتلىكلەردىن پەرقلىق بولغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

ئۇندىن باشقا، ھىندىستاندىن چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە ئۇرۇشقا بارغانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات بىر قەدەر سالماقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. ھىندىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمەستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.