تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» 4-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 10-قۇرۇلتىيىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى دەۋەت قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.11.01

milletchi-heriket-partiyesi-muawini-memet-shandir-305.jpgمىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىر ئەپەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدى. 2012-يىلى 1-نويابىر، تۈركىيە.

بالقاندىن تاكى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە سوزۇلغان تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلتايدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى»، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا قۇرۇلتاي تەكلىپنامىسى ئەۋەتتى.

قۇرۇلتايغا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ ۋەكىلى بارلىقى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۆتكەن يىلى رامزاندا «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» رەئىسى دەۋلەت باغچەلى كەركۈككە بارماقچى بولغان، ئەمما ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ زىيارەتكە ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭمۇ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا قارشى «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا كەركۈكتىكى تۈركمەنلەرنىڭ ۋەكىلىنىمۇ چاقىردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئىچىدە بالقان دۆلەتلىرىدىكى تۈركىي خەلق پارتىيىلىرى ۋەكىلى، ياۋروپادىكى تۈرك فېدېراتسىيىلىرى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋەكىللىرىمۇ بار ئىكەن.

بىز «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» نىڭ 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى مەمەت شاندىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەمەت شاندىر ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىن كۆپلىگەن ۋەكىللەرنىڭ دەۋەت قىلىنغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى:
«پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى دەۋەت قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ تەكلىپ قىلدۇق. يەنى تۈرك دۇنياسىدىكى پۈتۈن داڭدار رەئىسلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكلىپ قىلدۇق. ھازىر ئۇلارنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتىمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەكلىپنامىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت شاندىر ئەپەندى رادىيومىزغا يەنە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى:
«ئەلۋەتتە بۇ قۇرۇلتاي ناھايىتى مۇھىم. تۈركىيىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىن ئۆتۈۋاتقان بىر پەيتىگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بۇ قۇرۇلتاينى كۆپ نامزاتلىق، دېموكراتىك ھالەتتە ئۆتكۈزمەكچى. بۇ قۇرۇلتايدىن كېيىن پارتىيىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ۋە تۈركىيىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش مۇددىئاسىغا يېتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىزنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتىمىز ئېنىق. ھازىرغىچە بىزنىڭ سىياسەت بەلگىلىشىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى تۈرك دۇنياسى بولۇپ كەلدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بىزنىڭ مەسىلىمىز. قۇرۇلتايدىن كېيىن، تۈرك دۇنياسىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىمىز تېخىمۇ كۈچلەنگۈسى.»