ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى پروگراممىلارنى ئىشلەپ، تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان نەجمەتتىن چۇھادار ئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.10.24

nejmettin-chuhadaroghlu-we-rabiye-305.jpgتونۇلغان ئاخبارات خادىمى نەجمەتتىن چۇھادارئوغلۇ 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتتە بولدى. 2012-يىلى ماي، ياپونىيە.

سوئال: نەجمەتتىن چۇھادار ئوغلى ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.
جاۋاب: 1964-يىلى قەيسەرى شەھىرىدە تۇغۇلدۇم. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قەيسەرىدە تاماملىدىم. ئاناتولىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈردۈم. ئەرەب ۋە فرانسۇز تىلىنى بىلىمەن. ئىبرانچە يېزىقنى ئۆگەندىم. كونيا تېلېۋىزىيىسى، ئەنقەرە تېلېۋىزىيىسى، ھۈررىيەت گېزىتى، خەۋەر تۈرك قانىلى ھەم گېزىتى ۋە تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ قەيسەرىدىكى مۇخبىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىمەن.

سوئال: سىز تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ خەۋەر ئىشلىگەن ئاخباراتچىلاردىن بىرى. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانچىلىك خەۋەر ئىشلىدىڭىز؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ھېسابلاپ يۈرمىدىم. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دەسلەپكى خەۋەرلىرىمنى قەيسەرىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان ئىدىم. كېيىن كونيا تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەر ئىشلىدۇق. ئارقىدىن » قايغۇلۇق تۇپراق شەرقىي تۈركىستان» ناملىق سەككىز قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدۇق. مەن يەنە خەۋەر 38 ناملىق گېزىتنىڭ ئوبزورچىسى بولغاچقا، ئۇ گېزىتتىمۇ نۇرغۇن ئوبزورلىرىم ئېلان قىلىندى. ھازىر مەن دەم ئېلىشقا چىققىلى بىر يېرىم يىل بولدى. تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكى چېغىمدىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇنلىغان خەۋەر ۋە مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلىدىم. ئاللاھ كۈچ ئاتا قىلغان ھەر دەقىقىدە ئىمانىمىز، قەلىمىمىزنىڭ كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. مەھشەر كۈنى ئاللاھ مەندىن مەزلۇملار ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ دەپ سورىسا، مەن » ئى رەببىم، دۇنيادىكى چېغىمدا مېنىڭ قەلىمىم مېنىڭ فوتو ئاپپاراتىم مەزلۇم بىر قوۋمنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىشلىدى» دېيەلىشىم كېرەك.

سوئال: تەجرىبىلىك بىر ئاخباراتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ باققان بولسىڭىز.
جاۋاب: بەزىدە مېنىڭ دۆلىتىممۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارنىڭ تراگېدىيىلىك ھاياتىغا كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرىۋالىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم. مەن ئىراققا، سۈرىيىگە، ئىئوردانىيىگە ۋە پەلەستىنگە بېرىپ باققان بىر ئاخباراتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دەيمەنكى، ئەگەر بىز ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ دەردىگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان بولساق، بوسنىيىدىكى مۆمىنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەنە شۇ نەزەردە بېقىشىمىز لازىم. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن بىر تۈرك، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان بىر مۇسۇلمان قىيامەت كۈنى ئاللانىڭ ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار ھەتتا ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىنىۋاتسا، بىزنىڭ بۇ يەردە ھېچ ئىش بولمىغاندەك خاتىرجەم قىلغان ئىبادەتلىرىمىز نېمىگە ھېساب؟ ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بىلەن بىر ھېسابلىشىپ باقسا بولىدۇ. بىر مۆمىنگە ئىچ ئاغرىتمىغان ئادەمنىڭ ئىمانىدىن گۇمانلىنىڭلار، دېگەن ھەدىس بار. مەيلى كائىنات كىتابىمىز قۇرئان كەرىم بولسۇن، مەيلى ھەدىسلەر بولسۇن، بىزگە ئىتتىپاقلىقنى بۇيرۇيدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىمانى ئەنە شۇ دەرىجىگە يۈكسەلمەي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ياردەم قىلالمايدۇ. دۇنيادا تېررورچى ئاتالغان خاماسنى، ئىراق ۋە سۈرىيىدىكى توپىلاڭچىلارنى پاناھىغا ئالغان، ئەمما ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ لىدىرى رابىيە قادىر خانىمنى دۆلىتىگە كىرگۈزمىگەن ھۆكۈمەتنى سوراققا تارتىش لازىم. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىمىز بولسا ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئاندىن ئەتراپىمىزدىكىلەرنى سوراقلىشىمىز لازىم. ئەگەر بىر مۆمىننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە ئۇنىڭ ئاغرىقىنى سېزەلمىگەن كىشىنى مۇسۇلمان دېگىلى بولمايدۇ.

سوئال: شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سىزگە تەسىر قىلغان بىرەر ئىش بارمۇ؟
جاۋاب : بۇرۇن مەن ئىشلىگەن بىر پروگراممىدا تەكلىپلىك مېھمان بولغان قەيسەرىدە ياشايدىغان 73 ياشلىق بىر كۆچمەن ئۇيغۇر ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ » بۇ يەردىكى نامىزىڭلارنىڭ، روزاڭلارنىڭ، مەسچىتىڭلارنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار » دېگەن. ئەگەر ئۇ يەردە ئىنسانلار نورمال ئىبادەت قىلالمايۋاتقان بولسا، ئۆز زېمىنىدىن چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسا، بىز بۇنىڭغا چوقۇم ئىنكاس بىلدۈرۈشىمىز لازىم. مەيلى ئاخباراتچى بولسۇن، مەيلى سىياسەتچى بولسۇن، مەيلى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بولسۇن بۇنىڭغا چوقۇم ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەگەر جىمىۋالىدىغان بولساق، بىزنىڭ ھالىمىزغا ۋاي!

سوئال: خىتايغا بېرىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، ئۇرۇندۇم. لېكىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان دېگەن باھانە بىلەن خىتاي ماڭا ۋىزا بەرمىدى. ئامېرىكىغا باردىم، لىۋانغا، ئىراققا، مىسىرغا، پەلەستىنگە، ئىئوردانىيىگە بارالىغان بولساممۇ، خىتايدىن ماڭا ۋىزا بەرمىدى. مەيلى بەرمىسە بەرمىسۇن، ئۇ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس، ئەمما مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرىدىغىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكى.

سوئال: ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرىڭىزغا نېمە دېمەكچىسىز دېگەن سوئالىمىزغا تونۇلغان تۈرك ئاخباراتچىسى نەجمەتتىن چۇھادار ئوغلى يىغلىغىنىچە مۇنداق جاۋاب بەردى.
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ئەسلىدە، مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت. ئىككى كۈن بۇرۇن ترابزوندا تۈرك دۇنياسى مىمارشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇنىڭدا تۈرك دۇنياسىدىكى مىمارشۇناسلىق ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولدى. ئۆزۈم ئۇ يەرگە بارمىغان بولساممۇ، تېلېفوندا ئاۋازىمنى بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقاتتى، مەن » شەرقىي تۈركىستاندىن قاتناشقانلار يوق ئىكەن. تۈرك دۇنياسى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستاندىنلا ئىبارەت ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ بېشى، شەرقىي تۈركىستانسىز تۈرك دۇنياسى بولمايدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈن تۈركلەر ئارىغا ئېلىپ، ئېتىراپ قىلمىسا، دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلار ئۇنى قانداق ئېتىراپ قىلىدۇ؟ بۇ يەرگە شەرقىي تۈركىستاندىن ۋەكىل تەكلىپ قىلمىغىنىڭلار پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى يېگىنىڭلار ھېسابلىنىدۇ. » دېدىم. ئۇلاپ تارقىتىشتىن كېيىنلا مىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇرنىڭ زور كۆپى رەھمەت خەتلىرى ئىدى. ئەمما يۈزدىن ئارتۇق ئۇچۇردا گەرچە ئوچۇق تەھدىت سالمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسەتچىلەردىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئىدى.