10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ياپونىيىنىڭ كيۇشۇ ئۆلكىسىنىڭ فۇكۇكا شەھىرىدىكى كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئامېرىكىلىق ئىسلام دىنىي مۇخلىسى شەيخ يۈسۈف ئېستېسنىڭ «ھەقىقەتكە سەپەر» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.10.13

yusuf-estes-yapon-uyghur-islam-dini-305.pngيۈسۈف ئېستېس ۋە ئىككى پروفېسسور

شەيخ يۈسۈف ئېستېس 1991 – يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇزۇن يىللار مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەشھۇر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىسلام دىنىي ئىلىملىرىنى تەھسىل قىلغان.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەيخ يۈسۈف ئېستېس ئۆزىنىڭ جەمەتى بويىچە نەچچە ئەۋلاد ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خرىستىئان دىنىدىن ۋاز كېچىپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئىنجىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان سېلىشتۇرما تەتقىقاتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلامغا بولغان تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

شەيخ يۈسۈف ئېستېس بۇ قېتىمقى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بويىچە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا توكيو، ئوساكا، خىروشىما ۋە كيۇشۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى بىر قانچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن.

بۈگۈنكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە 30 نەچچە دۆلەتتىن ياپونىيىگە ئوقۇشقا كەلگەن ھەر – خىل دىنلاردىكى ئوقۇغۇچى، تەتقىقاتچىلار ۋە پروفېسسورلاردىن بولۇپ جەمئىي 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە شەيخ يۈسۈف ئېستېسگە ھەمراھ بولغان، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن ياپونىيىلىك پروفېسسور نىشىھارا ئەپەندىم، گېرمانىيىلىك پروفېسسور بولما ئەپەندىم قاتارلىقلار شەيخ يۈسۈف ئېستېسگە ۋە يىغىن ئەھلىگە بۇ يىل ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان رابىيە قادىردىن ئاقسارايغا مەكتۇپلار ناملىق ئىنگلىزچە كىتابنى سوۋغا قىلدى.

پروفېسسور نىشىھارا ئەپەندىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈنكى يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈرلۈك دىنلاردىكى كىشىلەر يەنى ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنى ۋە باشقا دىنلاردىكى كىشىلەر قاتناشتى. يىغىندىن كېيىنكى پائالىيەتتە مەن «رابىيە قادىردىن ئاقسارايغا مەكتۇپلار» دېگەن كىتابنى يۈسۈف ئېستېسگە ۋە باشقىلارغا تەقدىم قىلدىم. سەۋەبى كىتابتىكى يېزىلغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇرلارنى يالغاندىن «رادىكال ئىسلامچىلار»، «تېررورچىلار» دەپ كۆرسىتىپ باستۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە پەقەتلا ھۆرمەت قىلمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى گۈللەنگەن ئىقتىسادىغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتىگە ئۇلارنىڭ يانتاياق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. بۇ كىتابتا دېيىلگەن مەزمۇنلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىسىنى بىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش مەقسىتىدە بۇ كىتابنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردىم.