10‏-قېتىملىق گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى. دىئالوگ باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بېرلىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دىئالوگدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ulrik-deliyus-delyus-uyghurlar-305.jpgئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە (ئوڭدىن 1-كىشى). 2012-يىلى 5-ئىيۇل، گېرمانىيە.

مەزكۇر دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئەمىلى ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر مەسىلىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كەسكىن پوزىتسىيە ئىپادىلىشىنى، بولمىسا دىئالوگنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-ئۆكتەبىر، گېرمانىيىنىڭ ۋېيسبادېن شەھىرىدە باشلانغان گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئىككى كۈن داۋام قىلىپ، نۇقتىلىق جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. دىئالوگدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەزكۇر مەسىلە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئامانلىق ئورگانلىرىغا تېررورلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنى ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلماي، ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بىر تېما.

گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى گېرمانىيە ھېسسېن شتاتىنىڭ ئەدلىيە ۋە ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى جورگ ئۇۋې-ھان ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ھېسسېنغا قاراشلىق ۋېيسبادېندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا خىتاي دىئالوگ ئۆمىكى گېرمانىيىنىڭ تۈرمە ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لېكىن بۇ قېتىمقى دىئالوگدا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، يىغىنغا گېرمانىيىدىكى سىگانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى‏-گېرمانىيە سىنتى ۋە روما مەركىزى كېڭىشى، ناملىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىدۇر.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رومانى روزنىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇزاكىرىگە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېليۇس ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دىئالوگ نوقۇل سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇلرىخ دېليۇس: بىز ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولمىدى، دېگەندە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنى ۋە بارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بەزىدە ئۇلار كىشىگە دىپلوماتىك بولۇشنى قوغلىشىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدىن باشقا، بارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قىزىقمايدىغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسى پۈتكۈل مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى. ئەلۋەتتە، بىز سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. بىراق بىزنىڭ قارىشىمىزچە، كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، نوقۇل سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئۇلار ئۇچرىغان مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي، ئاخبارات ۋە تور ئەركىنلىكى، ھەر قانداق بىر تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىۋاتقانلىق مەسىلىسىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر دىئالوگ ھەققىدىكى يازما باياناتىدا يىغىننىڭ نەتىجىلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆز ئارا پەرقلىق پىكىردىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بەزى پائالىيەتچىلەر ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلار گېرمانىيىنى شەكىلۋازلىق قىلىش بىلەن تەنقىدلەپ، گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ قۇرۇق رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئىككى تەرەپ دىئالوگ ئېلىپ بېرىۋاتقانغا ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق ئەمىلى ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنداق ئەھمىيەتسىز دىئالوگنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى.

لېكىن ناركۇس لۆنىڭ دىئالوگنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ: گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىل. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋاملىق يېقىنلىشىۋاتقان، قويۇقلىشىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش قىيىن مەسىلىلەردە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىمىز ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، دېگەن.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى د ئۇ ق دىئالوگنىڭ ئەمىلى ئەھمىيىتى چەكلىك دەپ قارىسىمۇ، بىراق داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ دىئالوگنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە چاقىرىلغان «خىتاي ۋە ئاسىيادىكى دېموكراتىيىنى خەلقئارالىق قوللاشقا ئىگە قىلىش مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارا يىغىن بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئېچىلغان ئىدى.

ۋېنگرىيىدىكى يىغىندا ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دېموكراتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان.

يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرى، خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرىدىن سىرت، خىتايدىن «مۇستەقىل تەتقىقاتچى» دېگەن نام بىلەن بىر قىسىم شەخسلەر قاتناشقان ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

دولقۇن ئەيسا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، ۋېيسبادېبدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قاتتىق قول بولۇش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن. مېركېل 2008-يىلدىن بۇرۇن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ئاشكارا چاقىرىش، دالاي لامانى باش مىنىستىرلىق سارىيىدا قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى. بىراق 2008-يىلدىن كېيىن ياۋروپادا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا مۆتىدىل پوزىتسىيە ئىپادىلەشكە باشلىغان.