د ئو ق ھەيئىتى گوللاندىيىدىكى تەشكىلات ۋە پارتىيىلەر بىلەن ئۇچراشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار گوللاندىيىدە ئاچقان د ئو ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى جەريانىدا گوللاندىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى 24-سېنتەبىر گوللاندىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى مۇئاۋىن باش سېكرېتارى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە گوللاندىيىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى مەركىزى گوللاندىيىنىڭ دەنھاك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلغان.

تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 18 ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان

دائىرىلەر «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە ئىجتىمائىي ئاساس تىكلىگەن «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 18 نەپەر خادىمنى قولغا ئالغان.

بۇلاردىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى دوختۇرى، «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتى تۇرسۇنجان ئابلىمىت، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى خالىدە قاتارلىقلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەتجان ئابدۇقادىرغا 15 يىللىق، تۇرسۇنجان ئابلىمىتقا 9 يىللىق خالىدە قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا 9 يىللىقتىن 7 يىللىققىچە قاما جازاسى بېرىلگەن.

ئىمىن مۆمىن 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان

ئاقسۇ ئۇچتۇرپانلىق ئىمىن مۆمىننىڭ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەينى يىلى 28 ياشقا كىرگەن ئىمىن مۆمىن 6 ياشلىق بىر ئوغۇل پەرزەنتنىڭ دادىسى ئىدى. ئىمىن مۆمىن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياشانغان دادىسى دەرد-ئەلەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ بىر ئاچىسى ۋە ئايالى ئۈرۈمچىدە بىر تەرەپتىن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەپىلەشمەكتە.

بۈگۈنگە قەدەر 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغان جەمئىي 27 كىشىنىڭ كىملىكى تولۇق ئايدىڭلاشقان ئىدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقتا

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۈنۈملۈك داۋام قىلماقتا.

ئۇيۇشما بۇ يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ستوكھولىمنىڭ مۇھىم كوچىلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇش تۇرۇش پائالىيىتىنى 2007-يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ پايدىسى بېيجىڭنىڭ كۆزىنى قىزارتتى

ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ تېپىۋاتقان پايدىغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆزى قىزاردى.

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ، 2002-يىلى ئىككى شېرىكى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى بىر ئېلېكتر سايمانلىرى زاۋۇتىنىڭ خىزمەت بىناسىنى 10 يىللىق توختام بىلەن ھۆددىگە ئالغان.

پەرھات نامانوپ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مەزكۇر بىنانى بېزىگەن ۋە باشقا شىركەتلەرگە ئىجارىگە بەرگەن. پەرھات نامانوپنىڭ ئەجرى ۋە سالغان مەبلىغى ئەمدىلا مېۋە بېرىپ، يىلىغا 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا تېپىشقا باشلىغاندا، بۇ پايدىغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆزى قىزارغان.

نۆۋەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرى زاۋۇت بىناسىنى پەرھات ۋە شېرىكلىرىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. پەرھات نامانوپ بولسا، ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدە قارار ئالدى

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر شۆبىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ۋە مائارىپ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا قارار لايىھىسى تەييارلاپ خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە سۇنغان.

مەزكۇر لايىھە 8-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە كورىيىدە چاقىرىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 78-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان.

قارارنىڭ ماقۇللىنىشى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىر ئىكەن.