د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ياۋروپا ساياھىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان بېلگىيىنىڭ پايتەختى ياۋروپا پارلامېنتىدا ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.09.26

yawrupa-parlamenti-duq-305.jpgدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. 2012-يىلى سېنتەبىر. بېلگىيە.

25-سېنتەبىر كۈنى سەھەر ئالدى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى ئالىكساندېر گراف لامىسدروف بىلەن ئۇچراشتى، كېيىن ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى ئېستونىيىلىك پارلامېنت ئەزاسى كىرىستىنا ئويۇلاند، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، پارلامېنتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى مىريام ئورساگوۋا، ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بولغارىيىلىك پارلامېنت ئەزاسى مېتىن قازاق قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى بەردى ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى سۇندى. بۇلاردىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتىدا 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، دوكلات بېرىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قارىتا ياردەم تەلەپ قىلدى. د ئۇ ق ھەيئىتى يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا مەخسۇس ھەيئەت ئەۋەتىش تەكلىپىنى سۇندى.