2012.09.24

20-سېنتەبىر ئاخشام باشلىغان يىغىن 23-سېنتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. 21-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن يېپىق باشلانغان يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋ، ئۆمەر قانات، ئۈمىد ئاگاھى، ئىلھام مەخمۇت، باش كاتىپ نۇرمەمەت مۇساباي، ھەرقايسى كومىتېت مەسئۇللىرىدىن پەرھات مەمەت، نۇرمەمەت روزاخۇن، دىلشات رىشىت، ئوسمانجان تۇرسۇن ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ھەم ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىملار قاتناشتى.
22-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە د ئۇ ق نىزامنامىسى قايتا ئوقۇلۇپ، بەزى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. چۈشتىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەت پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى. مۇزاكىرە باشلاشتىن بۇرۇن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىزمەت دوكلاتى بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. رابىيە خانىمنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ئۆز پىلانلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يىغىندا 2013-يىلى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق دىنىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش قارار قىلىندى.
ھەر قايسى دۆلەتلەردە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ۋە ئىسلام ئەللىرىگە زىيارەت قىلىش ھەم دوكلات بېرىش، ئەرەب باھارى يۈز بەرگەن دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇر ئۆيى قۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىش قارارى قوبۇل قىلىندى.
يىغىندا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىنى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 2013-يىلىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش قارار قىلىندى.
يىغىندا يەنە نۇقتىلىق ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ چارە كۆرۈلدى.