رابىيە قادىر خانىم تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بايانات بەردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى تىبەتلىكلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىبەت دېموكراتىك قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىلىشقا رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.
«5-ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار
«5-ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن يەنە بىر كىشىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى. ئۇ بولسىمۇ، 1987-يىلى قەشقەر بەشكېرەمدە تۇغۇلغان ئابدۇكېرىم ئابلادۇر.
ئابدۇكېرىم ئابلا 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى دۇكىنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئائىلىسىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئەينى چاغدا 22 ياشقا كىرگەن ئابدۇكېرىم ئابلادىن تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىغىچە بۇلاردىن 20 نەچچە نەپىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
پاكىستاندىكى چەتئەللىك جىھادچىلارنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئەندىشىگە سالغان
پاكىستاندىكى چەتئەللىك جىھادچىلار تەركىبىدە ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا تەۋە رايونلاردىن كەلگەن جىھادچىلارنىڭ كۆپىيىشى، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئەندىشىگە سالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ماخمۇد شاھنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى ئافرىقىلىق ۋە ئەرەب جىھادچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى 1500 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. بىراق ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك، چېچەن داغىستان ۋە گېرمانىيىلىك جىھادچىلارنىڭ سانى 3500 دىن 4000 غا يېتىپ بارغان.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى جىھادچىلار توپىنىڭ تەركىبىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل ئۆزگىرىش گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن يېڭى بىر رىقابەتنىڭ بېشارىتى ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنى رەت قىلسا، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىل خەلقئارا ئىسلامىي جىھاد ھەرىكەتلىرىگە قېتىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدىكەن.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ستوكھولمدىكى يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى
ستوكھولىمدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى. يەرمەنكە 1-سېنتەبىر ستوكھولمدىكى تېنستا بازار مەركىزىدە ئېچىلدى. يەرمەنكىنى ستوكھولم شەھىرىنىڭ تېنىستا رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يەرمەنكىگە قاتناشتى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يەرمەنكىگە ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەر، بىر قىسىم مەدەنىي بۇيۇملار ۋە تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار يەرمەنكە خېرىدارلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش، تونۇشتۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشتى.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار-«يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»
ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىلەشكە باشلىغان ئۇيغۇرلارمۇ بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇلاردىن بىرى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىدۇر.
ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى» نۆۋەتتە بازىرى خېلى ئىتتىك تىز تاماقخانىلاردىن بولۇپ قالغان.
ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلەپ قەد كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىرى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئېلىيار ئۆمەر ئەپەندىدۇر.
«يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى» دا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماقخانا بارغانسېرى روناق تاپماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ئېلان قىلىندى
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 36 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 27 مىڭدىن ئاشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇمدارلار نىسبىتى ھەققىدە جىددي ئىنكاسلار قوزغالغان.
بۇ ھەقتە توختالغان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم مۇنداق دېدى: مەيلى بۇ سانلىق مەلۇمات راست ياكى يالغان بولسۇن، ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتمىگىچە، ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلاپ بارىدۇ.