چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چەتئەلگە ئۇچۇر يوللاپ، تىبەت لامالىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان 5 نەپەر تىبەت راھىبنى قولغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.07

مەركىزى پارىژدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 1‏-سېنتەبىر كۈنى گەنسۇنىڭ يىشۇ ناھىيىسىدىكى زىلكار ئىبادەتخانىسىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان 4 راھىبنى ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى سۈرەتكە تارتقان يەنە بىر راھىبنى قولغا ئالغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دانىلىرىنى تىبەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ، خەلقئارادا ئۈستىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،1‏-سېنتەبىر نەچچە يۈز كىشىلىك قوراللىق ساقچى زىلكار ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلارنىڭ ياتىقىنى ئاختۇرۇپ، نۇرغۇن كومپيۇتېر، د ۋ د پلاستىنكىسى ۋە رەسىملەرنى مۇسادىرە قىلغان.

بۇ ۋەقە دەل چەتئەلدىكى تىبەتلەر 2‏-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان كۈندىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن. 2‏-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتكە ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى زىلكار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىنى قامال قىلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلىغان.