2012.09.04
2-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 52 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، تىبەت دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەم تىبەت ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
يەكشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت دېموكراتىك قوزغىلىڭىنىڭ 52 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تىبەتلىكلەرمۇ 2-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا «ئوت يالقۇنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى» ناملىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئاقساراي ئالدىدىن دۇپان سېركول مەيدانىغىچە كوچىدا مېڭىپ نامايىش قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىلىشقا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشقا مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.