2012.08.29

ھىلارىي كلىنتوننىڭ زىيارەت بېكەتلىرىنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار بولۇپ، ئۇ، 4- ۋە 5-سېنتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يوقىلىپ كەتكەن غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم 30-ئاۋغۇست كۈنىدىن ئېتىبارەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل ئىچىدە رايونغا قىلغان 3-قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى خىتاي بىلەن ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى زېمىن تالاش-تارتىشى ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند خانىم بايانات بېرىپ، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاي ۋە خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنى زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قورال كۈچىگە تايىنىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە بىر ياقتىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتايلار سەنشا ئاراللىرى دەپ ئاتايدىغان رايونغا گارنىزون قۇرغانلىقى جەنۇبىي دېڭىزدىكى باشقا ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. نۇلاند خانىم سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەردائىم خىتايدىن ھەربىي كۈچىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ھىلارىي كلىنتوننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىمۇ بۇ مەسىلىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە، ھىلارىي خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار مەسىلىسى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يەنىلا كۈن تەرتىپتە. نۇلاند خانىم سۆزىدە، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ھىلارىي كلىنتون خانىمنى خىتايدىكى زىيارىتىدە باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەندە، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى باشلىق بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غايىبلار مەسىلىسىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا غايىبلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن سۆزىدە، غايىبلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر پاكىتلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا خىتاي رەھبەرلەردىن غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەڭ جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھىلارىي كلىنتون خانىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىنى ئالدى بىلەن تىنچ ئوكيان ئاراللىرى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش بىلەن باشلايدۇ. 4-5-سېنتەبىر خىتايدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، 8-9-سېنتەبىر كۈنلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىن جەريانىدا كلىنتون خانىمنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف بىلەن ئۇچرىشىپ، سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.