26-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى بىرلىشىپ، روزا ھېيتلىق چاي بەردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.08.27

پائالىيەتكە ۋاشىنگتون، ۋېرجىنىيا ھەمدە مېرلەن ئەتراپىدا ياشاۋاتقان يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن تەڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەبرىك سۆزىگە چىقىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى قۇتلىدى.

پائالىيەت داۋامىدا قاتناشقۇچىلار بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب‏-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش يىلىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە پىكىرلەشتى.

ھېيتلىق مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەككەن جامائەت ئاخىرىدا ئىزگۈلۈك دۇئالار بىلەن پائالىيىتىنى ئاياغلاشتۇردى.