2012.08.23

ماقالە مۇنداق باشلانغان:
«يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولۇش تەخمىن قىلىنىۋاتقان، كۆپ نوپۇسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشنى ئاساس قىلىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نامايان قىلغان خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان بەزى ئىچكى مەسىلىلىرى، ئىقتىسادى ۋە تاشقى سىياسەتتە كۆزلىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەردىن بىرى، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بېسىقتۇرالمىغان ئۇيغۇر رايونى. تۈركىيىدە ۋە دۇنيادا تونۇلغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، خىتاينىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان، خىتايلار تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ئۆلكىنىڭ قەدىمىي خەلقى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پات-پات تەكرار يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ۋە خىتاينىڭ قاتتىق قول باستۇرۇش ھەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەت يۈرگۈزۈشلىرى بىلەن كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە.»
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«يېقىندا تېخى، مەمۇرىي كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىش بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىدا خىتاي سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 1945-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 82.7% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسى 6.2% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى. 2008-يىلدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 46.1% پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، كۆچمەن خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئېشىپ 39.2% پىرسەنتكە يەتكەن.»
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«تۈركىستاننىڭ شەرقىدە خىتاي 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 1863-يىلدىكى قوزغىلاڭ بىلەن ياقۇپخان بەدۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى يەنە 1876-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا بىر مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋام قىلغان خىتاي ئىشغالىيىتى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ 1944-يىلى قۇرغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى 1949-يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن باشلاندى. ئەينى دەۋردە بۇ رايونغا خىتاي ۋە رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلدى. خوجا نىياز ھاجىنىڭ باشچىلىقىدا 1933-يىلى، ئوسمان باتۇر ۋە جانىمخان ھاجىنىڭ باشچىلىقىدا 1950-يىلى قوزغىلاڭلار پارتلىدى. ئارقىدىن يەنە 1953-يىلى، 1955، 1962، 1970، 1985، 1989، 1990-يىللاردا ئۈرۈمچى، بارىن، قەشقەر، خوتەنگە ئوخشاش شەھەرلەردە قارشىلىق ئىنقىلابلىرى مەيدانغا چىقتى ۋە چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئەڭ ئاخىردا 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قەتلىئامى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەلىرىگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ بىر ۋەقە بولدى. بۇ ۋەقەدە يۈزلىگەن ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلدى ۋە نەچچە مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇپ ئېرىتىشنى مەقسەت قىلىپ، ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى› نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدا مەجبۇرىي ئىشلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرماقتا. يۈز مىڭلىغان ياشلاردىن تەركىب تاپقان بۇ مەجبۇرىي ئىشلەش ئەمگەك كۈچى بىلەن، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ تارقالدى.
2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بىر ۋەقە ئىدى. 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بېرىشى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا خىتاينىڭ تۇتقان مەيدانىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ باھا بېرىشى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈركىلىشىگە يول ئاچقان ئىدى. ئەردۇغاننىڭ بۇ يىل 4-ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىمۇ زىيارەت قىلىشى ۋە بۇ ھەقتە بەرگەن بايانلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىنى، يۇنانىستاندىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش قاراشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇنانىستان بىلەن تەرەققىي قىلغان مۇناسىۋەتلەر ۋە تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ يۇنانىستاندىكى تۈركلەرنىڭ نوپۇسى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان غەربىي تىراكىيىگە كۆپلەپ زىيارەتكە بېرىشى ۋە بۇ زىيارەتلەردە بەرگەن بايانلاردا، تۈركىيە بىلەن يۇنانىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، غەربىي تىراكىيە تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا ئىجابىي تەسىر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭغا ئوخشاشلا، شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىمۇ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسىبەت تەسىرى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدىكى سىياسىي ھۆكۈمەت، خىتاينىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىچكى سىياسەتتە قارشىلىققا ئۇچراشنى كۈز ئالدىغا قويۇپ كۆزىتىپ كەلمەكتە.»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە قادىرنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى. خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى تەرىپىدىن 14-ئىيۇل ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 5-نۆۋەتلىك ئاياللار كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتۈپ بولغاندا تۈركىيىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن بىكار قىلىندى.»
ماقالىدە يەنە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىسادى ساھەدە تەرەققىي قىلماقتا. بۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئۈرۈمچىدە ‹تۈرك سانائەت رايونى› نىڭ قۇرۇلۇشى پىلانلاندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلۇش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان تۈرك سانائەت رايونىنىڭ بەدىلىگە تۈركىيىدىمۇ بىر ‹خىتاي سانائەت رايونى›نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئارزۇسى بارلىقى خىتاي باش مىنىستىرى تەرىپىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈلگەن. مۇناسىۋەتلەر ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.»
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاينىڭ 2003-يىلىدىن باشلاپ ئېغىرلاشقان ئۇيغۇر تىلىغا ئالاقىدار چەكلىمىلەر، ئۆتكەن يىلى باشلىغان تاللا بازىرىدا ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كىيىملىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ چەكلىنىشى، بۇ يىلقى رامزاندا روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشى، دۆلەتنىڭ كەمبەغەللەرگە قىلغان ياردىمى بىلەن دىنى چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەدىنامىگە ئىمزا قىلدۇرۇشى، ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بولغان توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۆپ ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى كۈچىيىشى ۋە ئېشىۋاتقان سىياسىي تەسىرى ئېتنىك مىللەتنى ئاساس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قابىلىيەتلەرنى ئىشقا سېلىشتىن ئۇزاقتۇر.»