2012.08.03

رابىيە قادىر خانىم ئەرەب تېلېۋىزورىدا

2012-يىلى 31-ئىيۇل قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇلدى.

بىر سائەتتىن ئاشىدىغان مەزكۇر مەخسۇس پروگراممىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن سىدىق ھاجى روزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ناھايىتى تەسىرلىك بايان قىلىنغان.

پروگراممىدا رابىيە خانىمنىڭ ياش ۋاقتى، ئۇنىڭ سودا ساھەسىگە كىرىشى، سىدىق ھاجى روزىغا ياتلىق بولۇشى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشى، ئېلىپ بارغان خەلقچىل پائالىيەتلىرى، ئاخىرىدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئەۋەتكەن» دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىگە ئېلىنىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش سەرگۈزەشتلىرى ناھايىتى تولۇق تەسۋىرلەنگەن.

پروگراممىدا يەنە، رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىنكى مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ئەلجەزىرە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدىمۇ بىر قەدەر كۆپ خەۋەر ئىشلىگەن قاناللارنىڭ بىرى.

ئاتاقلىق چاقچاقچى تۇداخۇننىڭ ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قايغۇغا سالدى

مەنىلىك چاقچاقلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان چاقچاقچى تۇداخۇن روزىنىڭ ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قايغۇغا سالدى. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تۇداخۇن ياد ئېتىلمەكتە ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيىلەر بىلدۈرۈلمەكتە.

تۇداخۇننىڭ ئەينى چاغدىكى سەپدىشى ۋە سەنئەت يېتەكچىسى ئابلىمىت تۇرسۇن، تۇداخۇن چاقچاقلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى «ئىخچاملىق» ۋە «ھازىرجاۋابلىق» تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى.

تۇداخۇن 28-ئىيۇل يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2012‏-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى كۆرسىتىلدى ۋە  خىتايدىكى دىنغا ئىشەنگۈچىلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقى تەنقىد قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكى تەنقىدلەندى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سۇزان جونسون كوك، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرۋايىت ھاپىز: لېكىم ئىبراھىمنىڭ رەسىملىرىدە قەدىمىي ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ روھىي ئىپادىلەنگەن

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر رەسسامى لېكىم ئىبراھىمنىڭ «مىڭ بىر پەرىشتە» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى چېخنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە 9-ئىيۇل داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، 21-ئىيۇل غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

كۆرگەزمىگە 1000 پارچە رەسىم قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ رەسىملەر ئالاھىدە ماھارەت بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلغان بولۇپ، بۇلارنى ئۆز نۆۋىتىدە بىر پارچە رەسىم دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ئاپتور كۆرگەزمىسىگە «مىڭ بىر پەرىشتە» دەپ نام قويغان.

«مىڭ بىر پەرىشتە» ناملىق بۇ رەسىملەر توپى ئۈستىدە توختالغان تالانتلىق رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لېكىم ئىبراھىمنىڭ رەسىملىرىدە قەدىمىي مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى بەدىئىي ئۆزگىچىلىك ھازىرقى زامان رەسىم ئۇسلۇبىدا ئىپادىلەنگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان رامزان ئېيىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان رامزان ئېيىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى سكوت فىللىپس مۇنداق دېدى: بىز بېيجىڭ يولغا قويغان بۇ سىياسەتلەرنىڭ سەلبىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ۋە رادىكاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆز-ئارا ئىشەنچ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى لازىم.

خىتاي دائىرىلىرى رامزان كىرىشى بىلەن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشى، دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى 2012-يىللىق تېررورلۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا يەرشارى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بېرىلگەن.

تېررورلۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كۆپىنچە  ھاللاردا ئوخشىمايدىغان سىياسىي قاراشتىكىلەر  بىلەن ھۆكۈمەتنى قوراللىق ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەرەپدارلىرىنى ئۆز-ئارا پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانە قىلىپ قوللانغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.