2012.07.27
رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەن جازاسى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىش مەسىلىسى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشتى ۋە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
رابىيە قادىر خانىم ئاساسلىق 2009-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەر، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ھەمدە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە 8 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنۇپ، مەجلىس ئەزالىرىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، قامالغان جايى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇلارنى جىددىي قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
شۋېتسىيىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە خىتاي گۇرۇپپا باشلىقى كۆكبايراققا قارشى ساقچى چاقىردى
شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە غۇلجىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى ماھارىتىدىن باشقا يەنە، خىتايدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان چىرايى بىلەنمۇ تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. مۇسابىقە جەريانىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق كۆتۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بايراقلارنى لەپىلدىتىپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلارغا مەدەت بەرگەن.
خىتاي كوماندا باشلىقى شەرقى تۈركىستان بايرىقىنىڭ لەپىلدىشىنى توسۇش ئۈچۈن ساقچى چاقىرغان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قولىدا بايراقتىن باشقا نەرسە يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىغان. ئەكسىچە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەن.
شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 22-ئىيۇل ئاخىرلاشتى. بىر ھەپتە داۋاملاشقان مۇسابىقىدە، غۇلجا تۇرپانيۈزىدىن كەلگەن «ئۈمىد» كوماندىسى جەمئىي 5 كوماندىنى يەڭگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا بىر كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىدى
«ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى» ئىككى كۈن داۋام قىلىپ، 24-ئىيۇل ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى مايك پوسنېر كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يولغا قويغان سىياسەتلەرنىڭ سەلبىي نەتىجە بېرىدىغانلىقى، ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مايك پوسنېر ئاخىرىدا: بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قاندۇرغان جەمئىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقى ۋە مۇقىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.
پاكىستان قارشىلىق كۈچلىرى خىتايغا بومبا پارتلىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
23-ئىيۇل خىتاينىڭ كاراچىدىكى كونسۇلخانىسى يېنىدا بومبا پارتلاپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى كونسۇلخانا ئەتراپىنى دەرھال مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالغان. خىتاي كونسۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە خىتايلاردىن ئۆلگەن ياكى يارىلانغان ئادەم يوق.
پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن لەشكەرىي-بالوچىستان گۇرۇھى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ خىتايغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما خىتايغا نېمە ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن.
تۆۋەن كاپالەت ئۈچۈن يېزىلغان ۋەدىنامە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن مەجبۇرلاش تۈسىدىكى بىر كاپالەتنامە تەييارلىغان بولۇپ، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ۋەدىنامە چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى ئۆيىگە كىرگۈزمەسلىك ۋە چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى بايقىسا ھۆكۈمەتكە پاش قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ۋەدىنامە تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ۋەدىنامىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر بۇ 4 ماددىنىڭ ھەرقانداق بىرىگە خىلاپلىق قىلىنسا تۆۋەن كاپالەت پۇلىنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ۋەدىنامە نۆۋەتتە «فېيىسبوك» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە يېزىلىۋاتقان ئىنكاسلاردا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى «چېكىدىن ئاشقان رەزىللىك» دەپ ئەيىبلەنگەن.
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇئېزىز ئەپەندى خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلەرنىڭ بىر ئاجىزلىق ۋە چارىسىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تۈرك دۇنياسى فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ ئافيون ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرۈك دۇنياسى فېستىۋالى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى. بۇ فېستىۋالغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇق بىلەن ياۋۇز يىلدىرىم ئەپەندى قاتناشتى.
بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ فېستىۋالغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرگە ۋاكالەتلىك قىلىدىغان 20 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشتى.
فېستىۋالدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇق ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ قىلغان سۆزىدە پۈتۈن قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.