«ئامېرىكا-خىتاي 17-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى» ئىككى كۈن داۋام قىلىپ، 24‏-ئىيۇل ئاخىرلاشتى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى دىئالوگدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
urumchi-5-iyul-herbiy-305.jpg«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە دىئالوگ ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، بۇ قېتىمقى دىئالوگ ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئاخبارات يىغىنى چاقىرىلغان دەل شۇ كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، تەن جازاسى ۋە ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇش ۋەقەلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پوسنېر دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى چاقىرغان دىئالوگ ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا نۇقتىلىق ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مەزكۇر ياردەمچى مىنىستىرى، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

مايك پوسنېر سۆھبەت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: بىز ئىپادە ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەسىلىسى، دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، خەلقئارا تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەمگەك ھوقۇقى، قانۇن ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. مەزكۇر دىئالوگ خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىش ھەققىدىكى دىئالوگدۇر. بىز خىتايدىن ئالغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، شۈبھىسىزكى بىز مۇزاكىرە قىلغان بۇ مەسىلىلەر ساداسى بارغانسېرى دۇنياغا ئاڭلىنىۋاتقان مىڭلىغان، مىليونلىغان خىتاي ئاۋام پۇقرالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، دىئالوگنىڭ ھېچقانداق ئەمىلى ئۈنۈم ھاسىل قىلمىغانلىقى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىلگىرىلەپ باستۇرۇلغانلىقى، شۇڭا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

پوسنېر يىغىندا نۇرغۇن كونكرېت مەسىلە ۋە شەخسىي كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئۇ: خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشتى. بىز بۇ ئىككى كۈندە نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسال ھوقۇق ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئادۋوكات، بلوگچى، ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىست، دىنىي زات ۋە باشقا كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار بولۇپ، ئۇلار خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قولغا ئېلىنغان، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسمى. بىز ئوتتۇرىغا قويغان دېلولار ئىچىدە گاۋ جىشىڭغا ئوخشاش ئادۋوكاتلار، نيۇ لەنگە ئوخشاش قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغان شەخسلەر بار. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىشكە شۇنداقلا ليۇ شياۋبو، چېن ۋېي ۋە چېن شىغا ئوخشاش تۈرمىگە تاشلانغان دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. بۇ كىشىلەر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئاخىرلىشىپ ئەتىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، تەن جازاسى ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئالغان. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى ئىلېننا رۇس لېتىنانت خانىم ئامېرىكا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى تەنقىدلەپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇس لېتىنانت خانىم ئەسكەرتىپ: خىتايغا سودىدا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىلسە، بۇ ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىنلىشىشكە يېتەكلەپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارالغان. شۇنداق قىلىپ دۆلەت مەجلىسى ئاق ساراي ۋە خەلقئارا كارخانىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ قانۇننى ماقۇللىغان. بىراق خىتايغا سودىدا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىش، خىتايدا يالغۇز تەن جازاسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قىلمىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى. ئۆكتىچىلەر، ئىنتېرنېت ئابۇنىلىرى، يەر ئاستى چېركاۋلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرى تەمىنلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ۋەزىيەت بۇنىڭدىن ئون يىل ئاۋۋالقىدىن ناچارلاشقان.

يىغىنىدا ئۇيغۇر دېموكراتىيە رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا چەكلىمە قويۇپ، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، «ئامېرىكا -خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى» نىڭ سۆز بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى، دىئالوگ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى توختىتىشى ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ۋە كىملىكىنى قوغداشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئامېرىكا ۋىزىسى بېرىشنى رەت قىلىش، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاش، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى خوۋارد بېرمان سۆز قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن باشقۇرۇش جەھەتتىكى خاتىرىسىنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكى بىز ھەممىمىز بىلىمىز. خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش، ئەمەلدارلارنىڭ خاتالىقىنى پاش قىلىش جەھەتتىكى ھەر قانداق سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆكتىچىلىككە پەۋقۇلئاددە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تىبەت ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە داۋاملىق ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، ۋە ئەنئەنىسىگە خەۋپ سالىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پوسنېر كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يولغا قويغان سىياسىتى سەلبىي نەتىجە بېرىدىغانلىقى، ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ،ئۆز خەلقىنىڭ تەلەپ ئارزۇلىرىنى قاندۇرغان جەمئىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقى ۋە مۇقىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دەيدۇ.