2012.07.23

مەزكۇر يىغىن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ، شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ، ئامېرىكىنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى.
23-ئىيۇل ئەتىگەن ۋاشىنگتوندا باشلانغان 17-قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋىللىئام بۇرنىس ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. بىراق ۋىللىئام بۇرنىسنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى ۋە يىغىندا كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانمىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى دىئالوگ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بۇ يىل 4-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ 3 ئايدىن كېيىن ئېچىلغان. بۇ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ بىرقانچە ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن 2 قېتىم ئېچىلىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر دىئالوگ ھەققىدىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا دىنىي ئەركىنلىك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق داۋاملىق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى بولۇپ، خىتاي بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دىئالوگ ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر دىئالوگ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم پارچىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ: سىزگە مەلۇم بولغاندەك، بىز مەزكۇر دىئالوگنى خىتاي بىلەن ئورناتماقچى بولغان كۈچلۈك شېرىكچىلىك ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايمىز. بىز دائىم شەخسى كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ قالماي، جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، شەخسلەرگە ئادالەت تەسىس قىلىش، تەڭ باراۋەرلىك، تىبەت ۋە باشقا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى پرېزىدېنتلىق، مىنىستىرلىق ۋە ھازىرقى دىئالوگ دەرىجىلىك سۆھبەتلەردە دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن، ۋاشىنگتوندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئامېرىكا تەرەپنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز -دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىماللىقى زور. بۇ مەسىلە د ئۇ ق قاتارلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. گەرچە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان مەسىلە بولمىسىمۇ، بىراق د ئۇ ق يىغىن باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى سۇنغان. ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى ئۇلار سۇنغان تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە ئىدى. ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغان تەكلىپ پىكىرلىرى ھەققىدە توختالدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە ئامېرىكا-خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل دىئالوگ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمىگەن. ئۇ پەقەت تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك بېرىش-كېلىشكە ئايلىنىپ قالغان.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەزى مۇخبىرلار بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى داۋاملىق ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى سورىغان.
بىراق باياناتچى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، دىئالوگنىڭ تەرەپلەرنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىكتورىيە نۇلاند : روشەنكى، بىز خىتايدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن ئارقىلىق كۈچەيتىش، قانۇن ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە ئىش قىلىشنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز. بەزىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىكى شەخسنىڭ ھوقۇقى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. بۇ دىئالوگ يەنە، بىزنىڭ ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ شەخسنىڭ ئىندىۋىدال ھوقۇقى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى تەڭ قوغداش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر دىئالوگ، دەپ ئەسكەرتتى. لېكىن رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى زۆرۈر، دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىدە كەسكىن بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىل 4-ئايدىكى ئامېرىكا-خىتاي بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە دىئالوگى باشلىنىش ھارپىسىدا چېن گۇاڭچىڭ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مەزكۇر ۋەقە پۈتكۈل سۆھبەتكە تەسىر قىلغان. مەزكۇر ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىشى، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك كرىزىس پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە خىتاينىڭ مۇقىملىق سىياسىتى پەيدا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى.
ئاخبارات يىغىنىدا بەزى مۇخبىرلار چېن گۇاڭچىڭنىڭ سەندۇڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش مەسىلىسى بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى سورىغان. ۋىكتورىيە نۇلاند ئۇلارغا ئەسكەرتىپ: بىز دائىم چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى باستۇرماسلىققا ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق، دەپ كۆرسەتتى.