5 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچىلماقچى ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايال ئەنقەرەدە جەم بولغان ئىدى. ۋەكىللەر ئەنقەرەگە كېلىپ بولاي دېگەندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى باشچىلىقىدىكى يىغىن ئەھلى بۈگۈن يىغىن ئېچىلماقچى بولغان ئەنقەرە تىجارەت ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىغا كەلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.07.15
uyghur-ayalliri-kursi-turkiye-2012-305.png5 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنڭ ئايال ۋەكىللىرى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار

يىغىن زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رۇخسار دەمىرەل خانىم، سابىق پارلامېنت ئەزاسى تۈرك دۇنياسى ئاياللار جەمىيىتى رەئىسى شەنول بال خانىم، تۈرك دۇنياسى ئىسنان ھەقلىرى جەمىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۆمەر قانات ئەپەندى، خايرۇللاھ ئەپەندىلەر سۆز قىلدى. تۈرك پارلامېنتـت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللەرگە سالام بېرىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىننى چەكلىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رۇخسار دەمىرەل خانىم يىغىندا سۆز قىلماقتا
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رۇخسار دەمىرەل خانىم يىغىندا سۆز قىلماقتا

ئارقىدىن ۋەكىللەر تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئېكىسكۇرسىيىدىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دۆلەت باغچەلى ئەپەندى نامىدىن پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەۋلەت شاندىر ئەپەندى زىياپەت بەردى. ئارقىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللەر تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 15 ئىيۇلدىكى پائالىيەت ئاخىرلاشتى. بىز بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيداندا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.