2012.07.12

ئۈچ باسما تاۋاققا يېقىن ھەجىمدىكى مەزكۇر كىتابچە ق. غوجامبەردىنىڭ ئۈچ يىل مابەينىدە يورۇققا چىقارغان بەشىنچى ئەمگىكى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2009-يىلى ئۇنىڭ «رابىيە قادىرنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە دائىرىسىدىكى سىياسىي سۈرىتى» ناملىق كىتابچىسى رۇس تىلىدا 2000 نۇسخا بىلەن، 2010-يىلى «ئۇيغۇرلار قەدىمىي زاماندىن تا ھازىرقى كۈنلەرگىچە بولغان ئېتنوسىياسىي تارىخى» ناملىق ئەمگىكىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 500 نۇسخا بىلەن، شۇ يىلى يەنە «2009-يىلقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسى» كىتابچىسى رۇس تىلىدا، 2011-يىلى بولسا «ماقالىلەر» توپلىمى 1000 نۇسخا بىلەن نەشر قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چەتئەللەردىكى كەڭ كىتابخان ئاممىسىدا زور ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ھەم بولۇپمۇ قازاقىستاندا تەتقىقاتچى ھەم سىياسەتشۇناس سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە تونۇلغان ق. غوجامبەردىنىڭ مەزكۇر ئەمگەكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەم بۈگۈنكى كۈندىكى تەقدىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەم ئۇنىڭ لىدىرى رابىيە قادىرنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە، شۇنداقلا كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ، مەملىكەتلەرنىڭ، سىياسىي ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېيتقان پىكىرلىرى، ئۇلارغا بەرگەن ئوبيېكتىپ باھالىرىغا بېغىشلانغاندۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ق. غوجامبەردىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن قۇرۇلتىيى» ناملىق ئەمگىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن قۇرۇلتىيى ۋە د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 3 يىللىق (يەنى 2009-يىل 12-مايدىن 2012-يىل 12 مايغىچە) خىزمەت دوكلاتىنىڭ تېزىسلىرى» دېگەن ئىككى بابتىن، شۇنداقلا 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قازاقىستانلىق ۋەكىللەردىن تەۋسىيە قىلىنغان تەكلىپلەردىن ئىبارەتتۇر.