2012.07.09

قوللىرىدا گۈل دەستىلەر ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى، رابىيە خانىمنى تورونتو ئايرودرومىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
رابىيە قادىر خانىم تورونتو ئايرودرومىدا سۆز قىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ كاناداغا كېلىشتىكى مەقسىتى كانادادا يېڭىدىن سايلانغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەبرىكلەش ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىم تورونتو شەھىرىگە قاراتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان تەنقىد ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى.
7-ئىيۇل كۈنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرىپىگە دالا سەيلىسى يەنى پىكنىك(دالا سەيلىسى) ئورۇنلاشتۇردى. دالا سەيلىسى جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم سېيىت تۈمتۈرك ۋە قېيۇم مەسىمۇف قاتارلىقلار دالا سەيلىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.
شۇ كۈنكى ئۇچرىشىشتا، رابىيە قادىر خانىم ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەخرى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ كىردى. بۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يەرلىك جەمئىيەتلەر دائىمىي كومىتېتلىرىدا ۋەزىپە ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن شۇنداقلا كانادادا ئۇيغۇر داۋاسىنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.