2012.07.03

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك بېسىملىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، دېموكراتىك ئەللەرنى ئۆز قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال ۋال سترىت ژۇرنىلىدا «بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىكنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەكتە»، «ۋەقەدىن 3 يىل كېيىن خىتاي بېسىمنى داۋاملىق ئاشۇرماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن پەخىرلىك ۋە مۇھىم بىر كۈن بولغان 4-ئىيۇل مۇستەقىللىق بايرىمىنى نەقىل كەلتۈرگەن ماقالىسىنى-«ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن ئىيۇلنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئامېرىكىنى قۇرغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلەيدىغان بىر ھەپتە. لېكىن، مېنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان رايوندا ياشايدىغان خەلقىم ئۈچۈن بولسا، بۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تېخىچە مۇستەقىللىققا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھەسرەت ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە يادىغا سالىدىغان بىر ھەپتە» دەپ باشلىغان.
رابىيە خانىم 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلانغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ چوڭ بىر قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان رەسمىي رەقەملەردە ئۆلگەنلەر سانىنى 197 دەپ ئېلان قىلسىمۇ، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ۋە باشقا مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا چىقىمنىڭ بۇنىڭدىنمۇ جىقلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى ۋە رايوننى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبىدىن ھەقىقىي ساننىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلانماي كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ۋەقەدىن كېيىنكى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 12 ياشلىق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئەپ كەتكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 43 كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئەمما ھەقىقىي ساننىڭ يەنىلا بۇندىن كۆپلۈكى ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن ماقالىدە، رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئىككى مۇھىم نۇقتا بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
-ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارايغان بولساق، بۇ يەردە ئىككى مۇھىم نۇقتا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. كىم ياكى نېمە بۇ زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى نېمىدىن ئىبارەت؟ بىرىنچى سوئالغا خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى جاۋابكار قىلىپ كۆرسىتىپ، مېنى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى كۈشكۈرتكەن دەپ كۆرسەتتى. بۇ قىپقىزىل بىر يالغان. بۇنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىگەندىن سىرت، ئىشچى يېتىشمەسلىك باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە ھۇجۇم قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈنلەي قوراللىق ساقچىلارنىڭ قاپلاپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلەنگەنلىكىنى، سىرتقى دۇنياغا ئۇلىنىشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۈرۈمچىگە سىرتتىن كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى دېگۈدەك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ۋە باشقا دىنىي، مەدەنىيەت سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-خۇددى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خرىستىئانلارغا ۋە فالۇڭگۇڭچىلارغا زەربە بەرگەندەك، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىنىمۇ يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۆتكەن ئاي 12 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى خىتايلار قانۇنسىز دەپ ئاتىۋالغان دىنىي مەكتەپتە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇنى «رادىكال ئىسلامچىلار بىلەن كۈرەش» دەپ نىقابلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ بولۇپ ئاندىن خەلقئاراغا «بۇ يەردە جەمئىيەت ئىناق، ۋەزىيەت مۇقىم» دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى خوتەندە خىتاي ساقچىلارنىڭ 14 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاياغلاشقان خوتەن ناۋاغ ۋەقەسىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەسكەرتىپ ئۆتكەن رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
-نۇرغۇن يىللاردىن بېرى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن، مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ماڭا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىش پىلانىنىمۇ يولغا قويغان. مېنىڭ بارلىق تەجرىبىلىرىمدىن چىقارغان يەكۈنۈم شۇكى، ئۇيغۇرلار، دۇنيا قاچان خىتايغا ئوخشاش بىر زالىم رېجىمنى تىزگىنلەشنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن چاغدىلا ئاندىن دېموكراتىيىنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ.
رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئۆز قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:
-ئەپسۇسكى، دۇنيادا دېموكراتىيىدە ئارقىغا چېكىنىش بولۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى يېڭى زېللاندىيە خىتاي بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە بولسا مۇشۇنداق بىر رېجىمنى ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يوللۇق داۋاسىنى توختىتالمايدۇ. ئەمما دۇنيا شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، بىز بۇ داۋا نەتىجىسىدە، بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ۋە دىنىي ئۆچمەنلىك قازىنىغا ئوت يېقىپ، ئۇنى ئېلىشتۇرىدۇ. بىز سىلەردىن شۇنى سورىماقچى، بىز ئۇيغۇرلار قاچانغىچە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمىز؟