2012.07.03

ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردا ئاياللار كومىتېتلىرى قۇرۇلۇپ دۇنيا مىقياسىدا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بەرپا قىلىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىشىش ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، پائالىيەتچانلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ھەر يىلى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى سىستېمىلىق كەسپىي تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 5-نۆۋەتلىكى 15-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە تۈركىيىدە ئېچىلماقچى. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان مەزكۇر كۇرسىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، ئەھمىيىتى ۋە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، دىققىتىڭلار زىيارەت خاتىرىسىدە بولسۇن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى باش شتابى ۋاشىنگتوندا بولغان، «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى» 2006-يىلى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقئارا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرىش ۋە بۇ پائالىيەتلەرنى خەلقئارالاشقان سەۋىيىگە كۆتۈرۈش يولىدا تىرىشماقتا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش، بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇنتىزىم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم پروگراممىسىنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى 2007-يىلى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 2008-يىلى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى 2010-يىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، تۆتىنچى نۆۋەتلىكى بولسا 2011-يىلى ئېستونىيىنىڭ تاللىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ ھەر نۆۋەتلىكىدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتنىشىپ تەربىيىلىنىپ كەلدى.
خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ بۇ يىللىق پىلانىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 5-قېتىملىقى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تۈركىيىدە ئېچىلماقچى بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىدىغان ئاياللارنىڭ سانى ئىلگىرىكى قېتىمقىلىرىدىنمۇ كۆپ،كۇرسىنىڭ پروگراممىلىرى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ مول بولىدىغان بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ يۇقىرى بولماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش 5-نۆۋەتلىك كۇرسىنىڭ تۈركىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەمدە ئەھمىيىتى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى كۇرس پروگراممىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىملىق كۇرسىنىڭ تۈركىيىدەك ياۋرو-ئاسىيا ھەمدە ئوتتۇرا شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك جۇغراپىيىلىك ئورۇندا، ئۈلگىلىك دېموكراتىيىگە ئىگە بىر دۆلەتتە شۇنداقلا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ ھەمدە مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا يېقىن قېرىنداش ئەلدە ئېچىلىشىدىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭمۇ مەزكۇر كۇرسقا ئىشتىراك قىلىش ئىستىكىدە ئىكەنلىكى، مەيلى ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ياكى قاتنىشالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يىغىندىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى قوللىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەمدە تۈركىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ھەم تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.