2012.06.29

رابىيە قادىر: ئۇيغۇرلار شاۋگۇەن ئىرقىي ھۇجۇمىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نى مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرى «شۈرى» ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، نەچچە مىڭلىغان خىتاي ئىشچى مەزكۇر زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغان ۋە ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، خىتايدا دائىرىلىرى ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ پەقەت ئىككى نەپەر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇۋالغان.

دائىرىلەر ۋەقەنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى نامايىش قىلىپ، جاۋاب ئىزدىگەن. نامايىش كېيىن قانلىق باستۇرۇلۇپ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنگلىزچە دوكلات ھازىرلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى«5-ئىيۇل» كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنگلىزچە دوكلات ھازىرلىدى. دوكلات جەمئىي 47 بەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، غايىب بولغان 22 كىشىنىڭ كىملىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى تونۇشتۇرۇلغان.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىگە جاۋاب بېرىشكە قىستاشقا دەۋەت قىلىنغان.

ئەركىنلىك سارىيى 2011-يىلى خىتايدا ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دوكلاتىدا 2011-يىلى خىتايدا سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي سىياسىي ھوقۇق ساھەسى بويىچە 7 نومۇر، پۇقرالار ئەركىنلىك ساھەسى بويىچە 6 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق «دۇنيادىكى ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەت» دەپ باھالانغان.

ئەركىنلىك سارىيى2002-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئىزچىل خىتاينى «دۇنيادىكى ئەركىن بولمىغان دۆلەت» دەپ باھالاپ كەلگەن. بۇ خىتاينىڭ 10-قېتىم بۇ خىل باھاغا ئېرىشىشىدۇر.

شۋېتسىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

23-ئىيۇن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ستوكھولمدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرغان. جەمئىيەت باشلىقلىرى بۇ پائالىيەتنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2007-يىلى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيۇشما باشلىقى نىجات ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (16)

مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن بىرى-ئۈرۈمچىدىكى «مەرۋە» تېز تاماقخانىسىنىڭ شاگىرت ئاشپىزى، 17 ياشلىق ئابدۇلئەزىز ئابلەتتۇر. ئابدۇلئەزىز ئابلەت 5-ئىيۇل-ئەتىگەندە ئىشقا كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىگەن. مەزكۇر ئائىلە ئوغلىنى سۈرۈشتە قىلىپ ساقچى ئورگانلىرىغا بارغاندا، ئۇنىڭ ئىسمى تۇتۇلغانلار تىزىملىكىدىن تېپىلمىغان.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلارنىڭ يەنە بىرى سودىگەر ئەخمەتجان جۈمە.

2009-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى خىتاينىڭ 5 نەپەر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايوندىكى كەچلىك بازىرىدا قاق سودىسى قىلىۋاتقان ئەخمەتجان جۈمەنى تۇتۇپ كەتكەن. ئەخمەتجان جۈمەنىڭ ئاتا-ئانىسى 3 يىلدىن بۇيان خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىدىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. ساقچىلار بۇنداق بىر كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى رەت قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلماقتا. يىغىننىڭ 26-ئىيۇندىكى تەرتىپى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مايك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مايك ئەپەندى يىغىندا «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نامى ئاستىدا سۆز قىلغان. مايك ئەپەندى ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل تىنچ نامايىش قىلىپ كوچىغا چىققان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقى، بۇنىڭ خۇددى سۈرىيىدىكى باستۇرۇشقا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.

ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن چاپچالدىكى تەبىئىي توقايلىق ھەققىدە ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا باردى

ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىدىكى توقايلىق مەنزىرە رايونىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا قارشى شىكايەت قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن.

5 مىڭ مو چوڭلۇقتىكى توقايلىق مەنزىرە رايونى، ئىلى دەريا بويىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەبىئىي ئورمان بەلۋېغى ئىدى. ھالبۇكى،«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» شامىلىدا، توقايلىقمۇ تالان-تاراج قىلىنىشقا باشلىغان. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ توقايلىقنى خىتاي سودىگەرلىرىگە سېتىپ يېيىشى دېھقانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

كان يېزىسىدىكى دېھقانلار مەزكۇر مەنزىرە رايونىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دىلمۇرات مۇسلىننى ۋەكىل قىلىپ بېيجىڭغا ئەۋەتكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى: «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» تەڭسىزلىك مەسىلىسىنى يەنىلا ھەل قىلماي تاشلاپ قويدى

«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر يىغىندىن كېيىن يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان سىياسەتلەردىمۇ يەرلىكلەرنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش خاھىشىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك ئۈنۈم بەرمىگەن «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى، بۇ سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تەڭسىزلىكلەرنىڭ، 2009-يىلىدىكى |5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىگە سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىزمەت يىغىنى» ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان تەڭسىزلىك ۋە كەمسىتىش مەسىلىسىنى يەنىلا ھەل قىلماي تاشلاپ قويدى.