دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن ئاي ياپونىيىدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.06.28
seyit-tumturk-mirzahit-amanullahning-dadisi-305.jpgد ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مىرزاھىت ئامانۇللاھنىڭ دادىسىدىن ھال سورىدى. 2012-يىلى ئىيۇن، سەئۇدى. مىرزاھىت ئامانۇللاھ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن كورلىدا ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۆسمۈر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە، مەدىنە، جىددە ۋە تاييىپ شەھەرلىرىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇلارغا ياپونىيىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتاي ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئامانۇللاھ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سورىغان. ئامانۇللاھ ئەپەندى يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن كورلىدا ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۆسمۈر مىرزاھىت ئامانۇللاھنىڭ دادىسى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاغا بولغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنىڭ ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاكتىپ ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەخمەت مۆمىن ئەپەندى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ بۇ زىيارىتى بىلەن د ئۇ ق نى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.