2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۇەن شەھىرى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، نەچچە مىڭلىغان خىتايلارنىڭ تاياق، توقماق، قىڭراقلار بىلەن800 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەمچى ياشلىرىغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلدى، يارىلاندى…
Xitay-Uyghur-toqunushi-guangdong-305www.uighurbiz.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺵ.

www.uighurbiz.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.0751.cc ﻧﯩﯔ.

خىتاي بۇ ۋەقەنى يېپىشقا ئۇرۇندى. ئەمما مەزكۇر قانلىق پاجىئە ئىرقچى خىتايلار تەرىپىدىن تور بەتلەرگە قويۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمىغا شاھىد بولدى. شياۋگۇەن ۋەقەسى 2009 – يىلدىكى 10 چوڭ ۋەقەنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنيا قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ۋاقتىدا، توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىقى ئاخىرى – 5 ئىيۇلدەك يەنە بىر قېتىملىق زور ۋەقەگە سەۋەب بولدى. شياۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس بايانات بېرىپ «ئۇيغۇرلار شياۋگۇەن ئىرقىي ھۇجۇمىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ» دېدى. تەپسىلاتىنى شياۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.

بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى بۈگۈن، يەنى 26 – ئىيۇن شاۋگۇەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغا بويالدى. شۇ كۈنىدىكى پاجىئەنى ئەسلەپ ئۆتسەك،

2009 – يىلى – 26 ئىيۇن گۇاڭدۇڭ ۋاقتى سائەت سەھەر 2، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى توققۇزاق ناھىيىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە مەزكۇر زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 819 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۈپ قىسمى، سېخلاردا ئەمگىكىنى تاماملاپ ھارغىن ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەن پەيت ئىدى. 18 ياشتىن 32 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، ھەتتا قىزلار تۇيۇقسىز تاياق، توقماقلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، خىتايلارنىڭ بۇ خىل پىلانلىق، قوراللىق ئېرقي ھۇجۇمى ھېچقانداق دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىسىز ئىككى سائەتكىچە داۋام قىلدى.

ۋەقە دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بۇ ۋەقەنى زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ توپلىشىپ ماجىرالىشىش ۋەقەسى دېدى، ۋە ۋەقە جەريانىدا ھاشىمجان ئەمەت، سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ قەشقەر توققۇزاقتىن ئىكەنلىكىنى، 120 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 81 نەپىرىنىڭ ئوخشاش توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ دېھقانلىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا يەنە شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي بىر ماجىرا قىلىپ كۆرسىتىپ،بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا جۇڭ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ – 6 ئاينىڭ 16 كۈنى تور بەتلەرگە«6 نەپەر ئۇيغۇر، 2 نەپەر بىگۇناھ خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دېگەن يالغان ئۇچۇرنى تارقاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە 28 – ئىيۇن كۈنى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، رادىئومىز مۇخبىرلىرى شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ساق قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئالاقە باغلىيالىدۇق، ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەم جەريانى يەنىمۇ ئاشكارىلاندى، ئۇلار ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

شياۋگۇەن قانلىق پاجىئەسى دۇنيانى چۆچۈتتى، بۇ قەدەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنلىق ۋە كەمسىتىش ئۇيغۇرلارنى غەزەپكە تولدۇردى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئارىسىدا، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېرقي ئۆچمەنلىك ۋە شاۋگۇەندىكىدەك قانلىق ۋەقەلەر يەنە تەكرارلىنارمۇ دېگەندەك ئەندىشىلەر دەۋر سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تور بەتلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھسسسىياتقا بېرىلمەي، شياۋگۇەن ۋەقەسىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشقا، ئاقىلانە جەسۇر بولۇپ خىتاينىڭ قانۇن دائىرىسىدە ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، قاتىللارنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى ۋە بەزى زىيالىيلار ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇردى، ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى توغرا ۋە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماق تۈگۈل ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىمۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرى سۈپىتىدە جازالىدى. ئاخىرى – 5 ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشىغا تەرەققىي قىلدى، ئاخىرى نامايىش خىتاي ھەربىي كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى.

شياۋگۇەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ گۇاڭچىڭ 2009 يىلى 7 – ئىيۇل كۈنى شىنخۇا ئاخباراتىغا، 13 كىشىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر، قالغانلىرىنىڭ خىتايلىقىنى بىلدۈردى.

شياۋگۇەن سوتى 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شياۋگۇەن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 7 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىتايغا ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىرىگە 7 يىللىق قاماق جازاسى، قالغان ئىككى خىتايغا 6 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى، ئۇيغۇرلاردىن يارمەمەتجان ئىسمائىل مۇددەتلىك 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئوسمانجان ئوبۇل 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، يۇسۇپجان تۇردى 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، گۇاڭدۇڭ ئالىي سوتى تەرىپىدىن شياۋگۇەن سوتىنىڭ بۇ ئۈچ ئۇيغۇرغا بەرگەن سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىندى.

شياۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى – 25 ئىيۇن مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «شياۋگۇەندىكى خىتايلارنىڭ بۇ شەھەرگە ئۇيغۇر ئىشچىلار يۆتكەپ كېلىنگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇلارغا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى شەكىللەندۈرۈلگەن دۈشمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىدىن ئىبارەت» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇرلار شياۋگۇەن ئىرقىي ھۇجۇمىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ» دەپ بايانات بەردى.