2012.06.22

رابىيە خانىم «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» نى خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ كۆرسەتتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 6 – ئاينىڭ16 – كۈنى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، 2009 – يىلى5 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى شاۋگۇەندىن تارتىپ ئۈرۈمچىگىچە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر تۇتاش يولغا قويغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش» دېگەن نام بىلەن كەڭ دائىرىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل باھانە – سەۋەب بىلەن تۇتقىن قىلىش، باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگىچە كېڭەيتتى، 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللانى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلاپ، قىناپ ئۆلتۈرگەنلىكى بۇنىڭ تېپىك مىسالى، دەپ كۆرسەتتى.

شۇنداقلا، رابىيە خانىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى، خىتاي ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىپ، دۇنياغا يېيىشقا چاقىردى.
2
4 – نۆۋەتلىك ئىدىل – ئۇرال تۈركىي مىللەتلىرى قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنى قىرىمدا ئېچىلدى

4 – نۆۋەتلىك ئىدىل – ئۇرال تۈركىي مىللەتلىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكىنىڭ يىغىنى ئۇكرائىنىينىڭ قىرىم تاتار رايونى مەركىزى ئاق مەسچىت شەھىرىدە ئېچىلدى.

6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا ئىدىل – ئۇرال قەلەمكەشلەر بىرلىكىگە ئەزا 15 قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەرجىمە خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ۋە تۈركىي مىللەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
3
ئامېرىكا 2012 – يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى 2012 – يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 2012 – يىللىق ئادەم بېدىكچىلىكى دوكلاتىدا خىتاي ئەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى نىشان قىلغان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي بېدىكچىلىكى قىلمىشىنىڭ مەنبەسى، ئۆتكۈنچى ۋە ئاخىرقى بېكىتى، دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بۇ يىل يەنە 2 – دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇدا 8 يىل مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدۇر.
4
بېيجىڭدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

بېيجىڭدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭ ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

بۇ ئەرزدارلار بېيجىڭدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا ئۈچ كېچە – كۈندۈز نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما دائىرىلەر 20 – ئىيۇن 100 گە يېقىن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدىن ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان.

ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئۇرۇپ ئۇلارنى ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان، بۇ جەرياندا بەزىلەر يارىلانغان.
5
«5 – ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغانلار (14)

بىر ئۇيغۇر دادا «5 – ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغان ئوغلىنىڭ قايسى قاماقخانىدا ياتقانلىق ئۇچۇرىنى 5 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان.

2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ئۆزلىرىنى قەشقەردىن كەلگەن ساقچى دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى كىشى، دۆڭكۆۋرۈكتە كىيىم – كېچەك سودىسى قىلىۋاتقان ئەكبەر تۇرسۇننى دۇكىنىدىن ئېلىپ كەتكەن. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس. ئەكبەر تۇرسۇننى ئېلىپ كەتكەن ئىككى ساقچىنىڭ كىملىكلىرىمۇ ھازىرغىچە ئېنىقسىز.

ئوغلىنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئالالمىغان، ئەكبەر تۇرسۇننىڭ دادىسى، ئوغلىنىڭ ئىلگىرى شىسەن قاماقخانىسىدا ياتقانلىق ئۇچۇرىنى بىر ئەمەلداردىن 5000 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان. مەزكۇر ئەمەلدار، ئەكبەر تۇرسۇننىڭ دادىسىغا يەنە 300مىڭ يۈەن بەرسە ئوغلىنى تېپىپ قويۇپ بەرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق بۇ ئاتىنىڭ بۇنچىلىك پۇلغا قۇربى يەتمىگەچكە، ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز قالغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى تور بېتىمىزدىن كۆرگەيسىلەر.
6
خوتەن شەھىرىدە روپاش ئاياللار سودا – سارايلارغا كىرىشتىن چەكلەنمەكتە

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خوتەندە دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئاياللارنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپلىرى روشەن كۆرسىتىلگەن بىر ئۇقتۇرۇش يېقىندا خوتەن شەھىرىدىكى سودا سارايلىرىدا كۆزگە چېلىققان.

خوتەن ۋىلايەتلىك «ئالتۇن يۇلتۇز» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارقاتقان بۇ خىلدىكى بىر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: دىنىي پۇراقنى سۇسلاشتۇرۇش، دىنىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇپ ۋە بازار تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمە ۋە شەھەرلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن روپاش ئاياللارنىڭ سودا ساراي، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

2012 – يىلى 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش چەتئەلدىكى تور بەتلەردە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت، دەپ تەنقىدلەشتى.
7
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر 2012 – يىللىق نيۇ – يورك فېستىۋالىدا يەنە بىر ئالتۇن مېدال ئالدى

رادىئومىز مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ 2011 – يىلى 28 – دېكابىر «خوتەن موكۇيلا ۋەقەسى» ھەققىدىكى «ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئەركىنلىك ساداسى» ناملىق ئىنگلىزچە خەۋىرى 2012 – يىللىق نيۇ – يورك فېستىۋالىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

2011 – يىلى 28 – دېكابىر خىتاي ساقچىلىرى چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، ئارىسىدا ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بالىلارنى يارىلاندۇرغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئاتالمىش تېررورچىلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى رادىئومىز تەرىپىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جىم بولغان ئىدى.

نيۇ – يورك فېستىۋالى ئاخبارات ساھەسىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مۇسابىقە. بۇ يىللىق فېستىۋالىغا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 200 دىن ئارتۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلغان. فېستىۋالدا يەنە رادىئومىز كورىيە بۆلۈمىنىڭ 3 مۇخبىرىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
8
خوتەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ھەبىبۇللا ئىبراھىمنى ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

18 – ئىيۇن خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەبىبۇللا ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال تارقىتىش جىنايىتى» بىلەن ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشى كۆزەتكۈچىلەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

خىتايدىكى «خەلق تورى» ئېلان قىلغان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھەبىبۇللا ئىبراھىمغا يەنە 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، ئەمما ھەبىبۇللا ئىبراھىمنىڭ ئېنىق كىملىكى، يېشى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللا ھاجىم بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.