ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، 12-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىكى كوئىنلۇن مېھمانخانىسىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.06.18

xote-baziri-uyghur-tijaretchi-305.jpgخوتەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە مال ئالغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.

دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي كارخانىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى روياپقا چىققان.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي كارخانىچىلارنىڭ سانى ئاز بولمىسىمۇ ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، سان ۋە سۈپەتتە تەڭ ھالقىش شارائىتى يارىتىلمىغان، يەنى تۈرلۈك سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي توسالغۇلار، شارائىت چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك پەقەتلا مىللىي سودىگەرلىك كارخانىچىلار ئەزالىقىدىكى، ئۇلارنىڭ كۈچىنى بىر جايغا توپلايدىغان ئۇيۇشما بولۇپ شەكىللىنەلمىگەن ئىدى.

بۇ رابىيە قادىر خانىم ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئايال سودىگەر-كارخانىچىلارنىڭ بىرلىشىشىدە قۇرغان «مىڭ ئانا سودا بىرلەشمىسى» خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1998-يىلى بىر مىليون يۈەن مەبلىغى توڭلىتىپ يىقىتىلغاندىن كېيىن، قۇرۇلغان ئۇيغۇر مىللىي كارخانىچىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيۇشمىسى ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىللىي كارخانىچىلارنىڭ سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش قۇرۇش ھەققىدە تۇنجى تەكلىپ 2010-يىلى 3-ئىيۇل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم مىللىي كارخانىچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا، مىللىي كارخانىچىلار ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىي كارخانىلارنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇيۇشۇپ بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىنى ئاڭلاتقان ئىكەن.

بۇ ئۇيۇشمىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمىدا، ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى رادىل ئابلا مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، بورتالا ئوبلاستى «شۆكې» مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى باش لېدىرى شەۋكەت ئابلەت ئۇيۇشمىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە سايلانغان.

رادىل ئابلا ئىلگىرى تەڭرىتاغ تورىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ كۈچىنى بىر يەرگە توپلاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان ئىدى:

ئۇيۇشمىنىڭ دەسلەپكى پىلانلىرىغا قارىغاندا، ئەزالار بىرلىكىدە، مىللىي سودا ساراي قۇرۇش، ئۇيۇشما تەشكىلاتى قۇرۇش، مىللىي سودا ئىنستىتۇتى قۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار كۈتۈۋاتقاندەك مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى پۇتبول كۇلۇبى ۋە مىللىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇشتەك نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئالدىدا ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇنداق بىر ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئىجابىي ئىنكاسلار داۋام ئەتمەكتە. نۇرغۇن كىشىلەر «بۇ بىر تارىخىي بۆسۈش بوپتۇ، نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار چىققان بولسىمۇ ئۈزۈپ چىققانلىرى بەك ئاز شۇنداقلا يوق دېيەرلىك. ئەمدى ھەممەيلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيۇشىدىغانلا بولسا نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە گەپ يوق…» دېگەندەك پىكىردە ئورتاقلاشماقتا.

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئەزالىرى ئاساسلىق ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۈزگە كۆرۈنگەن سودىگەرلەردىن تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە مەزكۇر ئۇيۇشما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا -سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار گەرچە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭمۇ بىر ئۇيۇشمىسىنىڭ بەرپا بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەن، ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ئۇيۇشۇشىغا پۇرسەت بېرىشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدە ئەندىشىلىك قاراشلارمۇ مەۋجۇت، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇساپىسىگە ئاق يول تىلەش بىلەن تەڭ ئەندىشىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى:

ئۇيغۇر سودىگەر ھەم كارخانىچىلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئىلگىرى يەنى 1996-يىلى «بۇغراخان» مىللىي كىيىم-كېچەك سودا شىركىتىنىڭ قۇرغان غەيرەت ئەپەندىمۇ شىركىتى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەيران بولغاندىن كېيىن گوللاندىيىدە ياشىماقتا.

غەيرەت ئەپەندى مەيلى قەيەردىلا بولمىسۇن ئۇيغۇر سودىگەر كارخانىچىلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكى ئەمما، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلالىشى نىشان-مەقسەت، ھوشيارلىق ۋە تەدبىرگە باغلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ چەتئەلدىكى ئوخشاش مەقسەتتىكى كارخانىچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارزۇسىدا ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.