دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 6‏-ئاينىڭ16-كۈنى «بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، 2009‏-يىلى بەشىنچى ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا شاۋگۇەندىن تارتىپ ئۈرۈمچىگىچە بىر تۇتاش يولغا قويغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.06.18

رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي يەنە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش» دېگەن نام بىلەن كەڭ دائىرىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا قاتىللارنى تۇتماي بەلكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل باھانە-سەۋەب بىلەن تۇتقىن قىلىش، باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە كېڭەيتتى، 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللانى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلاپ، قىناپ ئۆلتۈرگەنلىكى بۇنىڭ تېپىك مىسالى، دەپ كۆرسەتتى.

شۇنداقلا، رابىيە خانىم ۋەتەندىكى ۋە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، خىتاي ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىپ، دۇنياغا يېيىشقا چاقىردى.