2012.06.15

يىغىنغا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن سىرت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ھەرساھە كىشىلەر، مۇخبىرلار ۋە شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يىغىن داۋامىدا سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم دوكلات بەردى. ئۇ ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزلىنىشىنى تونۇشتۇردى. دوكلاتتىن كىيىن يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان ھەرخىل سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يىغىنغا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىن مەمەت قاپلان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىن ئەھلىگە شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ رەئىسلىرىگە ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلىش پۇرسىتى بەردى.
مەمەت قاپلان ئەپەدى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا تونۇلۇشىغا ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كۈچلۈك بىر قارارنىڭ ئېلىنىشىغا شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغنالىقىنى بىدۈردى.
يىغىن ئاخىردا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، سورىغان بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
دولقۇن ئەيساننىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ شۋېتسىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.