12 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە نەشر قىلىنىۋاتقان «كۆك بايراق» ژۇرنىلى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبىسىنى ئېچىپ بۇ نام ئاستىدا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.06.14
derwish-ependi-305.jpg«كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ كونيا شۆبە مەسئۇلى دەرۋىش ئەھمەت شاھىن ئەپەندى. 2011-يىلى 27-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئۆتكەن ئايدا رەسمىي ئېچىلغان بۇ شۆبە قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. «كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ كونيا شۆبىسى ۋە بۇ شۆبىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شۆبىنىڭ مەسئۇلى دەرۋىش ئەھمەت شاھىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: «كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ شۆبىسىنى ۋە ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىز ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز.«كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ كونيا شۆبە مەسئۇلى دەرۋىش ئەھمەت شاھىن ئەپەندى رەسىم كۆرگەزمىسى. 2011-يىلى 27-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

جاۋاب: 19-مايدىن بېرى كونيادا رەسمىي تۈردە «كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ شۆبىسىنى قۇرغان بولدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كونيا خەلقى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. كونيالىقلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇش تارىخى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تارتىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەسرەتنى تونۇپ يەتكىنىگە ئۇزۇن بولمىدى. بىز كونيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھېچبولمىغاندا پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش ھەممە كىشى بىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرماقچى. «كۆك بايراق» نىڭ شۆبىسىنىمۇ ئەنە شۇ مەقسەتتە قۇردۇق. شۆبىمىزگە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پارتىيە تەشكىللىرىنىڭ زىيارەتچىلىرى كۈندە دېگۈدەك كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا باشاق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن تىياتىر گۇرۇپپىمىز مەۋلانا سەنئەت زالىدا نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلارغا «تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق تىياتىرنى ئورۇنلاپ بەردى.

مۇخبىر: تىياتىر ئوينالغان كۈنى سىز تاماشىبىنلارغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپسىز. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.

جاۋاب: ھەممەيلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇشتى. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇلارنىڭ كونكرېت مەلۇماتى بولمىغاچقا، تىياتىردا ئوينالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايراقدارلىرىدىن خوجانىياز ھاجى ۋە ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى ھېكايىلىرىنى ئىنسانلار قىزىقىش ئىچىدە كۆردى. بىز باشاق ئوتتۇرا مەكتىپىگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن «كۆك بايراق» نامىدىن پلاكات تەقدىم قىلدۇق. يەنە ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرى نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۇق. ئىشىنىڭكى قىلغان سۆزىمىز تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مەيلى بىز، مەيلى باشاق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەممەيلەن تولىمۇ سۆيۈندۇق. ئالدىمىزدا 19-ئىيۇل كۈنى كونيا مەدەنىيەت زالىدا قويۇلىدۇ بۇ ئويۇن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇ كۈنى خەلقنىڭ دىققىتى بۇ ئويۇنغا جەلپ بولىدۇ.

مۇخبىر: كونيا مەيلى تۈركىيە ئۈچۈن بولسۇن مەيلى تۈركىستان ئۈچۈن بولسۇن بىر مۇھىم شەھەر. جالالىدىن رۇمى مەۋلانانىڭ مەقبەرىسى بۇ يەردە ۋە بۇ يەر تارىختىن بېرى تۈركىستان بىلەن تۈركىيىنى باغلاپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ كونيادىكى شۆبىسىنى قۇرۇپسىز. سىز رەسمىي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئىشلەمسىز؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاب: مەن بۇ «كۆك بايراق» تا ئىشلەشنى ئالدىنقى يىلى رامزان ئېيىدا باشلىدىم. «كۆك بايراق» كونياغا يۆتكەلدىلا ئەمەس، كۆرۈۋاتقىنىمىز بويىچە دېيەلەيمىزكى كونيادىكى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يېڭى بىلىۋېتىپتۇ. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، باش مۇدىرلىققا كونيادا بىر شۆبە قۇرۇش ھەققىدىكى ئويۇمنى يەتكۈزدۈم. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندى ۋە دەرھال «كۆك بايراق» نىڭ كونيا شۆبىسىنى ماڭا تاپشۇردى. ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال ئال بايراق ۋە كۆك بايراقلىرىنىڭ شېھىتلىرىگە خەتمە قىلىشتىن باشلىدۇق. ئاندىن رەسىم كۆرگەزمىسى قىلدۇق. ئاشۇرا ئېيىدا ئال بايراق ۋە كۆك بايراق شېھىتلىرى نامىغا ئاشۇرا تارقاتتۇق. فېۋرال ئېيىنىڭ 7-كۈنى يەنە كۆڭۈل كۆزىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان ناملىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ پائالىيىتىمىزگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ داخىل بولدى. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ قاتناشقان «تۈرك دۇنياسى ئۇچرىشىشى» نامىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتقان بىر يىغىن زىياپىتى قىلدۇق. ئالدىنقى ئايدا «تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. قىلغان بۇ قاتار ئىشلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە «كۆك بايراق» نىڭ شۆبىسىنى قۇرۇۋالغان بولدۇق. ئۇندىن باشقا بىزنىڭ ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 3 يىللىقىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كونيانىڭ چوڭ چوڭ ناھىيىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش پىلانىمىز بار. مەيلى نېمە قىلمايلى قولىمىزدىن كېلىشىچە كونيا مەركىزىدە ۋە ناھىيىلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ سەرپ قىلىۋاتىمىز.

مۇخبىر: مەيلى بوسنىيە بولسۇن، مەيلى چېچەنىيە بولسۇن ۋە ياكى پەلەستىن بولسۇن، بۇ دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە نىسبەتەن پۈتۈن تۈركىيە خەلقى دېگۈدەك خەۋەردار ھالەتتە ۋە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۇ دەرىجىدە تونۇشلۇق ئەمەس. سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭلىتىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟ سىز قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز بىر بۆلۈنگەن جەمئىيەت. بېزىلەر بوسنىيىگە، بېزىلەر پەلەستىنگە، يەنە بېزىلەر شەرقىي تۈركىستانغا ۋە باشقا بىر دۆلەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەن «كۆك بايراق» نىڭ كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دەيمەنكى، دۇنيانىڭ مەيلى قايسى يېرىدە بولسۇن بىر مۇسۇلمان دەرد چېكىۋاتقان بولسا ئۇنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز بولۇشى كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈپ پەلەستىننى ئۇنتۇساق ئىشىمىز يېرىم بولۇپ قالىدۇ، ئوخشاشلا ئەگەر پەلەستىنگە كۆڭۈل بۆلۈپ شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولساق ئىشىمىز يەنە چولتا بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەيەردە بىر مۇسۇلمان، بىر تۈرك زۇلۇم تارتىۋاتقان بولسا ئۇنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز بولۇشى كېرەك. مەن بۇ مەسىلىنى مۇشۇنداق چۈشىنىمەن.