سەنئەت بىر مىللەتنى تونۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەردىن بىرى. يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، كۈلتۈرىنى، ئۆرپ – ئادىتىنى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش مەزمۇنىدىكى ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.06.08
turkiye-konya-uyghur-tarixi-305.pngتۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۇيغۇر تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تياتېر سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىدىكى باشاق ئوتتۇرا مەكتىپى مەنىۋىي بايلىقلار تەلىم – تەربىيەسى نامى ئاستىدا ھەر يىلى چوڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ بۇ يىلقى پائالىيەتنى ئۇيغۇرلارغا ئايرىغان. نەجىپ ئەلكىلانىنىڭ «تۈركىستان كېچىسى» ناملىق رومانىنى سەھنىلەشتۈرگەن. بۇ سەھنە ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 1931 – يىلىدىن 1949 يىلىغىچە ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۆرىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ رومان 1981 – يىلى تياتېرلاشتۇرۇلغان. باشاق ئوتتۇرا مەكتىپى تىياتېر گۇرۇپپىسى ئەسەرنى ئالتە ئاي مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كونيا باشاق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئىككى نۆۋەت قويۇلغان ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئاممىۋىي تەكىلات مەسۇللىرىدىن بولۇپ نۇرغۇن تاماشىبىن قاتناشقان. ئويۇن تۇنجى قېتىمىدىلا ئويلىمىغان مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. ئويۇن ئاخىرىدا كۆك بايراق ژۇرنىلىنىڭ كونيادىكى ۋەكىلى دەرۋىش ئەھمەد شاھىن ئەپەندى سەنىگە چىقىپ ئەرتېستلارغا ئۇيغۇر دوپپىدى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار ۋە خاتىرە بويۇملىرى قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن. باشاق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى رامازان ئاقسوي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەسەر 19 – ئىيۇن كۈنى ئاقشام كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تياتېر زالىدا سەھنىگە قويۇلىدىكەن. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگەللەش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ مۇدىرى رامازان ئاقسوي ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ تياتېر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا مەنىۋىي بايلىقلار تەلىم – تەربىيەسى نامى ئاستىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز. ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەر ئوقۇش يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر تياتېر ئەسىرى سەھنىدە ئوينىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ يىل ئوقۇغۇچىلارغا بىزدىن يىراقلاردا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن بۇ تىياتىر ئۈچۈن تەييارلىقىمىزنى باشلىغان ئىدۇق. نەجىپ ئەلكىلانىنىڭ «تۈركىستان كېچىسى» ناملىق رومانىنىڭ تياتېر نۇسخىسىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتۇق. ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن سۆيۈندى. ئۇزاقتىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە ئاز بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە بولدى دەپ قارايمەن. 1931 – يىلىدىن 1949 يىلىغىچە بولغان ۋاقتىت ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم دەۋىر چۈنكى بۇ زامان ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 2 جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. ھازىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

رامازان ئاقسوي ئەپەندى تياتېرنىڭ ئوينىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ياش ئەۋلاتلارغا ئاڭلىتىش ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بۇنىڭدىكى مەقسىدىمىز شۇكى، كۈنىمىزدە ئومۇمەن ياشلارنى شەخسىيەتچى، ئۆز ئىشىدىن باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ ئويلايمىز،ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ئالاھىدىلىك ياشلارنىڭ ئىچىدە كۆپەيمەكتە. مەكتەپلەرنىڭ ياشلارغا ئەدەپ – ئەخلاقنى، پەزىلەتنى بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا بىز بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق. كونيادا باشقا دۆلەتلەردىكى ئېزىلگەن خەلقلەرگە ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان بىر ئادەت بار. بىز ئافغانىستانغا، چەچەنىيەگە، پەلەستىنگە، ئىراققا، سۇرىيەگە ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەر ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىن كۆپ كىشى بىخەۋەر. شۇڭا بۇنىڭدىكى يەنە بىر مەقسىتىمىز مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. يەنى، كىشىلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەقسەتلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرىمىز زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەسلىدە ھېچقانداق بى ئىش ئەمەس. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى دۇئا قىلىش. تياتېر پائالىيىتىدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلدۇق.