2012.05.31

بۇلارنىڭ بىرى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى مالىك ئەجدەر ئۆزدەمىر ئەپەندىدۇر. ئۇ، 29-ماي كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلىغا مەكتۇپ سۇندى. بۇ مەكتۇپنىڭ تولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
«ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا چاقىرىلغان تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بالىقكەسىر شەھىرىنىڭ خەلق ۋەكىلى خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى سۈپىتىدە قاتناشتۇق.
14-17-ماي كۈنلىرى ئارىسىدا چاقىرىلغان بۇ قۇرۇلتايغا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 16 دۆلەتتىن 120 ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى.
ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئىنسانىي ھوقۇق شەرتلىرىگە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن بۇ رايوندا ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت. بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قانۇنسىزلىق دەرھال ئاياغلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بوشاشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان بېسىملار دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ رايونىدىكى سەككىز مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر خەلقتۇر. 2009-يىلى، ئىيۇل ئېيىدا، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا مۇتلەق كۆپى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ ئاز دېگەندىمۇ 500 كىشى ئۆلدى ۋە 828 كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلمىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئاياقلاشتۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز، تۈرك ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقتا.»
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى مالىك ئەجدەر ئۆزدەمىر ئەپەندى خېتىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن يەنە مۇنۇلارنى سورىدى:
1. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى چەكلەنگەنمۇ؟ ئەگەر چەكلەنگەن بولسا قاچاندىن قاچانغىچە تۈركىيىگە كىرىشى چەكلەنگەن؟ بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبى نېمە؟
2. باشقا قۇرۇلتايلاردىنمۇ تۈركىيىگە كىرىشى چەكلەنگەن كىشىلەر بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۇلار كىملەر؟
3. دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا ھەي‘ئەت ئەۋەتىشنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟