2012.05.30
ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى 29-ماي ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت خادىملىرى تۈرمىدىن يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن ئالىم ئابدۇرېھىمغا «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ۋە «ئەقىدە سودا سارىيى» نىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە چېقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتقا قارىغاندا، سوت خادىملىرى يۇقىرىقى ئىككى بىناغا ئازراقلا تۆلەم بەرگەندىن باشقا، جازا مۇددىتىنى 6 ئاي قىسقارتىشنى ۋەدە قىلىپ ئالىم ئابدۇرېھىمنى بىنانىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشە قىستىغان.
باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن رابىيە قادىر خانىم: خىتاي دائىرىلىرى خىتاي قانۇنى ۋە ئەقەللىي ئادەمگەرچىلىككىمۇ قارشى ھالدا تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىمنى خورلاشتىن توختىغىنى يوق، دېگەن.
رابىيە قادىر خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان قانۇنسىز ۋە ۋەھشىي خورلاشلارنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى سودا سارايلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ مەزكۇ بىنالاردىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى.