ئەي دۇنيانىڭ كۆركى بالىلار، قاراقاش، بۇلاق كۆزلۈك ئۇيغۇر بالىلىرى، سىلەر تەبىئەتنىڭ ئەڭ خوش پۇراق گۈللىرى سىلەر، بارلىقىمىز سىلەر.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.05.29
Qazaqistan-yashliri-Uyghur-rohi-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، 5 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ 2009 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﺍ ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ» ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

http://www.azatliq.net دىن ئېلىندى.

1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىدەك ئەڭ خۇشاللىق بايرىمىڭلاردا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى تاغا-ئاچىلىرىڭلار سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئەمدىكى مىنۇتلارنى سىلەرگە ئاتىماقچىمىز.

گۈلچېھرە ئاچاڭلار بۈگۈنكى ئاڭلىتىش ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ چەتئەللەردىكى خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىسىدىن تارتىپ، ئىلىم ھەم سەنئەت ساھەسىگىچە ھەر ساھەدە تونۇلغان بەزى پەخىرلىك ئۇيغۇرلىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەم بىزنىڭ تىلەكلىرىمىزدىن دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدىكى سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزغا ئاتاپ گۈلدەستە تىزدى، قېنى قوبۇل قىلىڭلار ھەم بايرىمىڭلار تاتلىق كۈلكىلىرىڭلار بىلەن تولسۇن.

سالام بادام دوپپا، چىمەن دوپپىلار، سالام پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى،-1 ئىيۇن بالىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئاتا ئانىلىرىڭلارنىڭ، بىزنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش غەمسىز بالىلىقىمىز بولغان، بىزنىڭمۇ تاپشۇرۇقتىن خالى، تەنقىدسىز، پەقەتلا سوۋغىلار، تىلەكلەر، تاتلىق كەمپۈتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بايراملىرىمىز بولغان. سىلەرگە ئوخشاش ئاجايىپ-غارايىپ چۈشلىرىمىز، خىياللىرىمىز بولغان مانا بۇلار بالىلىقىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر.

سىلەر دۇنيانىڭ سىياسەت، ئىلىم-پەن، سودا-سانائەت، مەدەنىيەت-سەنئەت سەھنىسىدە ۋە ھەر ساھەلەردىكى پەخىرلىك ئۇيغۇر سىياسىيونلار، ئالىم، ئۆلىمالىرىمىز،سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بالىلىقىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىگە قىزىقامسىلەر؟ ئۇلار سىلەردەك چاغلىرىدا نېمىلەرنى خىيال قىلاتتىكىنە؟ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ كۆرەيلى، ئالدى بىلەن سىلەرنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى بولغان رابىيە قادىر ئانىنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرەي.

ئېسىمنى بىلسەم، كىچىكىمدە دۇنيادا ئاپىرىدە قىلىنغان بارلىق نەرسىلەر ئىچىدە ھەممىدىن سىرلىق تۇيۇلىدىغىنى ئاسمان ئىدى، سىلەرگىمۇ شۇنداقمۇ؟ بىلەمسىلەر، خەلقئارادىكى ئالەم تەتقىقاتى ئورنىدىمۇ بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىملىرىمىز بار، ئامېرىكىدىكى ناسا دەپ ئاتالغان ئالەم تېخنىكىسى تەتقىقات ئورگىنىدىكى دوكتور تاغاڭلار ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ بىرىدۇر، قېنى ئۇنىڭدىن سوراپ كۆرەيلى، ئۇمۇ سىلەردەك چاغلىرىدا يۇلتۇزلار ھەققىدە خىيال سۈرۈپ باققانمۇ-يوق؟

ئەتراپىمىزغا باقايلى، بۇ دۇنيا مەنزىرە رەڭلەر بىلەن تولغان ئاجايىپ-غارايىپلار بىلەن تولغان، ھەتتا مەۋھۇم دۇنيايىمىز چۈشلىرىمىزمۇ شۇنچە رەڭدار، شۇڭا رەسىم سىزالمايدىغان بالا بولمىسا كېرەك، ئارىمىزدا ئويلىغانلىرىنى سۆزلەش ۋە يېزىشقا باققاندا، سىزىشقا ئامراق بالىلار بار، تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملار ئىچىدە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان مەرۋايىت ھاپىز، بالىلىق چاغلىرىدا ئەنە شۇنداق نېمىنى كۆرسە شۇنى سىزىپ باقىدىغان تالانتلىق قىز ئىدى.

ئاڭلىدىڭلارمۇ بالىلار، بىز تىرىشساقلا، ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان چۈش يوق، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشساق، مۇشۇ پەخىرلىك ئانا ۋە تاغا-ئاچىلىرىڭلاردەك ئارزۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، چۈنكى سىلەر، دۇنيانىڭ كەلگۈسى، بارلىق سىرلارنىڭ ئاچقۇچى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا.

ئاخىرىدا، بايرىمىڭلارغا ئاتاپ قازاقىستاندىكى تالانتلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر چولپان سۇخراپ نىزامىدىنوف ئورۇنلىغان «مەن ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن ناخشىنى تەقدىم ئېتىمىز، بايرىمىڭلار تاتلىق ئۆتسۇن قوزىلىرىم، ئۈمىد سىلەرگە كۈلسۇن!

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.