2012.05.18

3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ كۇرستا 14 مۇتەخەسسىس تور بىخەتەرلىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىمەكچى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوئىسا گرەۋە خانىم قىلدى. لوئىسا سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خوش كەلدىڭلار، دەپ سالاملىغاندىن كېيىن، بۇ كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىشىنى تىلىدى. ئۇ نۇتقىدا NED ۋە ئۇنىڭ خىزمەت دائىرىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى دۆلەتنىڭ فوندى ئەمەس. دۇنياغا دېموكراتىيىنى يېيىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر ۋەقىپ. NED 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. NED ياردەم قىلىدىغان ئىشلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دۆلەتلەردە دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. دېموكراتىيىنى كۈچەيتىش دېمەك مەسىلىلەرنى دېموكراتىيىلىك يول بىلەن ھەل قىلىش دېمەك. بىزنىڭ پۈتۈن خىزمەتلىرىمىز ئوچۇق-ئاشكارا. تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلساڭلار، قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قانچىلىك ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانلىقىمىزنىمۇ كۆرەلەيسىلەر.»
ئارقىدىن كۇرس رەسمىي باشلاندى. بىرىنچى لېكسىيىدە تانىگنچى توشىكىكو بىلەن تاناكا ئەپەندى «سىمسىز ئۇچۇر-ئالاقە بىخەتەرلىكى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. 18-ماي چۈشتىن كېيىنكى لېكسىيىدە پروفېسسور دوكتور ساتورۇ ئاما، تاناكا ئەپەندىلەر يەنە «تور بىخەتەرلىكى ۋە تور ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش» تېمىسىدا، ئۈچىنچى لېكسىيىدە يەنە پروفېسسور دوكتور ساتورۇ ئاما ئەپەندى «ئېلخەت بىخەتەرلىكى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
يېرىم سائەتلىك دەم ئېلىشتىن كېيىن، مىسىر ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئاكتىپ پائالىيەتچى دىنا ۋاھبا ئەپەندى «مىسىر ئىنقىلابى» تېمىسىدا، كانادالىق مۇتەخەسسىس جاسمىنە خانىم «بىخەتەر ئۇچۇر-ئالاقە قوراللىرى: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن كومپيۇتېرلاشقان ئۇچۇر-ئالاقە بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ساتورۇ ئاما ئەپەندىدىن سوئاللار سورىدى.
ئەتە يەنى 19-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ماساشى كىمۇرا، «ئىجتىمائىي ئاخباراتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە بىخەتەرلىك» تېمىسىدا، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەنجامىن ئىسمائىل ئىنتېرنېت تورى،ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە خىتايدىكى تور ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى تېمىسىدا دوكلات بەرمەكچى.
چۈشتىن كېيىن بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن غەيۇر قۇربان بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى د ئۇ ق تور بېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى. تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى پائۇل ئەپەندى بولسا «ئۇچۇر بىخەتەرلىكى» تېمىسىدا لېكسىيە بەرمەكچى.
د ئۇ ق تور باشقۇرغۇچىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىل تەرەققىيات تارىخى» تېمىسىدا لېكسىيە بەرمەكچى.
يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى 20-ماي كۈنى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئاخبارات ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ئالاقىلىشىش ماھارەتلىرى باشقۇرۇش قوراللىرى ۋە تېخنىكىلىرى توغرىسىدا كۇرسقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلىدۇ. 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 20-ماي كۈنى چۈشتە يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشماقچى.
ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 6 يىلدىن بېرى ھەر يىلى چاقىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇنقى 5 قېتىملىقى گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە چاقىرىلغان ئىدى.
بىز بۇ كۇرس ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئىش پىلانىنىڭ مۇدىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.