2012.05.16

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە داۋاملاشماقتا. قۇرۇلتاينىڭ 3-كۈنى، يەنى 16-ماي كۈنى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى. 18 دۆلەتتىن ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيوغا كېلىپ توپلانغان 120 ئۇيغۇر ۋەكىل دېموكراتىيىلىك ئۇسۇل بىلەن د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى. سايلامدا رابىيە قادىر خانىم ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۆمەر قانات ئەپەندى بولسا كانادا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۈمىد خەمىت ئاگايى ئەپەندى بولسا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، مەمەتىمىن ئەلا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئابدۇرېشىت تۇردىيېپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىككە، دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
سايلامنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا ھەممە ۋەكىللەر گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى بىلەن چاۋاك چېلىپ رابىيە قادىر خانىمنى تەبرىكلەشتى.
بىز يېڭى سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ھېسسىياتلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق قۇرۇلتىيى 14-ماي كۈنى باشلانغان بولۇپ، 17-ماي كۈنى يېڭى سايلانغان رەھبەرلەرنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ۋەكىللەرنىڭ گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى. 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17-ماي كۈنى كەچلىك زىياپەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.