2012.05.14
ئۇ بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى توكيودا ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويدى. دۈشەنبە كۈنى يەنى 14-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا باشلانغان ئىدى.
رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: ئىلگىرى بىز ئۆز ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى نامايىشلارنى قىلغان ئىدۇق. نۆۋەتتە بىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتىمىز.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيەتنىڭ 2009-يىلىدىكىدىنمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: بىز خىتايغا تىنچ يوسۇندا قارشى تۇرۇۋاتىمىز ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى ھەمدە مۇستەبىت دۆلەت تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 17-مايغىچە داۋام قىلىدۇ.