دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ 4 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر ياپونىيە پايتەختى توكيوغا توپلاندى. يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرمۇ ۋاشىنگتون ئايرىلىپ، توكيوغا يېتىپ كېلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.05.13

مۇخبىرىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 14 – ماي كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا رابىيە قادىر خانىم ۋە بىر قىسىم ئەربابلار سۆز قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا بېيجىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ۋەكىللەرگە ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىنغا قاتنىشىشنى پىلانلىغان ئەزالار تولۇق دېگۈدەك ۋىزا بېجىرىپ توكيوغا كېلەلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 120 دىن ئاشقان.

بۇ قېتىم توكيودا قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش سېمىنارىيىسىمۇ ئېچىلىپ، بۇنىڭدا بىر قىسىم مۇتەخخەسىسلەر لېكسىيە سۆزلەيدۇ. توكيودىكى پائالىيەت 20 – مايغىچە داۋاملىشىدۇ.