2012.05.08

ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايلى» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە دوكلات ئاڭلىدى. دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى گۈلىزار ئەردال خانىم قىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ۋەزىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
تۈركىيىنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى گۈلىزار ئەردال خانىم ئېچىلىش نۇتقىنى مۇنداق باشلىدى:
«ئالدى بىلەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىمنى مىننەت بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن تولغان ئەركىن بىر تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

گۈلىزار ئەردال خانىم بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇۋاتقان قېرىندىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈۋاتىمەن. تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچكەن ۋاقتىدا ئون مىڭلارچە ئۇيغۇر ئائىلىسىمۇ كۆچۈپ كېلىپ بۈگۈنكى ئاماسيانىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە جايلاشقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەر ئۇلاردىن قالغان ئەنئەنىلەرنى داۋام قىلدۇرۇۋاتىمىز. 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قىرىۋەتتى. 5-ئىيۇلدىن كېيىن خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقە قۇرۇش يوللىرىنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلىدى. شەرقىي تۈركىستان تۈركىيىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان يەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتايلار 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان. بىز خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمىدۇق ۋە ئۇنتۇمايمىز. بىز تۈركىيىگە 800 يىل بۇرۇن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، 40 مىنۇت داۋام قىلغان نۇتقىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كېيىن دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
سەفا كاراك-ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى:
«2005-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خېلىلا ئىزدىنىۋاتىمەن. ئىستىقلال گېزىتىدە مۇھەممەد ئىمىن باتۇر بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزمۇ بار. بىز شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمىز. قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ داۋا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.»
مۇستافا ئەمرە ياۋۇز مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاز-كۆپ بىلەتتىم. بىلىمىم تازا چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. بۇ پائالىيەتتىن كېيىن تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم دەپ ئويلايمەن».
سوئال: تۈركلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بار. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق مەسىلىگە قانداق قارايسەن؟
جاۋاب: تۈركلەرنىڭ ھەممىسى تارىختىن بېرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ كەلگەن. تۈركلەرنىڭ قېنىدا ئازادلىق روھى بار. ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانمۇ ھامان ئازادلىققا ئېرىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
فەياز ئۆزگۈندۈز-ئىقتىساد فاكۇلتېتى 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن گەرچە نۇرغۇن كىشى توپلانمىغان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن مۇكەممەل لېكسىيىلەر سۆزلەندى. مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىزدىنىپ تۇرىدىغان بېرىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىگە ئۈمىدۋار قارايمەن. ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
ھاشىم بۇداك-ئىگىلىك باشقۇرۇش بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دېدى:
«تۈركىيىدىكى زىيالىي ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پارلاق بىر نەتىجىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېدىيا ۋە ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىك سىياسەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويالىساق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ نۇقتىغا قارىتالايمىز ۋە بۇ داۋا ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلالايمىز، دەپ ئويلايمەن».
سوئال: سەنچە بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا پايدىسى بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە پايدىسى بولىدۇ. ياشلارنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى شۇ مەسىلىگە بۇرايدۇ ۋە ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.
سوئال: سەن بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىسەن؟
جاۋاب: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نۆۋەتتە تىنچلىق سىياسىتى ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلىق سىياسەتلەرنىلا ئەمەس، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان سىياسەتلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سوئال: تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى تېررىتورىيىسىگە مايىل بىر سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغان تەھلىلچىلەرمۇ بار. سەن بۇ ھەقتە قانداق قارايسەن؟
جاۋاب: تۈركىيە نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەۋاتىدۇ. كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلىنىش خىيالى بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. لېكىن بۇ خىل پوزىتسىيە سەۋەبىدىن، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يېپىپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. تۈركىيە بەش-ئالتە يىل ئۆزىنى بېسىۋالسا بولاتتى.
سوئال: تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئاندىن ئوتتۇرا شەرققە مايىل بولۇشى كېرەكمۇ ياكى نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى داۋام قىلىشى كېرەكمۇ؟ قانداق قارايسەن؟
جاۋاب: تۈركىيىنىڭ باشتا ئۆز مىللەتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىدا ئادۋوكاتلىق ئورنىغا چىقىۋېلىشى، پاسسىپ سىياسەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
تۈركىيە سۈرىيە بىلەن ئىراننىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقىچە، ئەڭ ئالدى بىلەن شىمالىي ئىراقتىكى كەركۈك ۋە مۇسۇل تۈركمەن شەھەرلىرىنىڭ قوغدىنىشى ئۈچۈن، ئەزەربەيجاننىڭ قانلىق يارىسى بولغان مۇستەملىكە تۇپراقلارنىڭ قوغدىنىشى ئۈچۈن، چېچەنىستان، پولشا ۋە بالقانلاردىكى تۈرك مۇسۇلمان خەلقىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قانلىق يارىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق داۋاسىنىڭ نۇقتىلىق مەسىلىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. پۇلنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈنى سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم.
بىز ھۆكۈمران سىنىپلاردىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى. پۇلنى ئەمەس يۇرت قوۋملارنى دوست تۇتۇشىنى، پۇلدىنمۇ بەك ۋەتەن، مىللەت، بايراق قېرىنداشلىقى ھەققىدە بىر سىياسەت پىلانلىشى كېرەك.
گۈلىزار: بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئۇستازلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ئۈچۈن مەمنۇنمەن. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن ئىدىم. ئەپسۇس مۇشۇنچىلىكلا كىشى كەپتۇ. بۈگۈن سۆزلەپ بەرگەن لېكسىيىلەر ئۈچۈن سىزگە ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.