2012.05.04

ۋاشىنگتون پوچتىسى: رابىيە قادىر، خىتايدىن چەتئەلگە چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئىچىدىكى تەسىرى كۈچىيىۋاتقانلارنىڭ بىرى

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتايدىن چەتئەلگە چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئىچىدە تەسىرى كۈچىيىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلدى.

ماقالىدە رابىيە قادىر خانىمغا: كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان زاتلارنىڭ بىرى، دەپ باھا بېرىلگەن.

رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مىللىي داۋادا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مىللىي داۋاسىغا بولغان قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيىلىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە 2005-يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى داۋاملىق دەپسەندە قىلىنماقتا

3-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا ئەسكەرتىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات-پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەشنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى داۋام قىلماقتا، دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، دىلشات پەرھات، قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» نى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىمۇ، 3- ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

كلىنتون خانىم خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىردى

3- ماي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، خىتاينىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى سەۋەبلىك ئامېرىكىغا قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلدى.

كلىنتون خانىم مۇنداق دېدى: بىز بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئۆز خەلقىنىڭ قەدىر-قىممەت ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشنالىقىغا جاۋاب بېرىشى ۋە ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ ھوقۇقنى قەتئىي رەت قىلماسلىقى كېرەك دەپ شىنىمىز.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان. مەزكۇر دىئالوگ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك بىسەرەمجانلىق پەيدا قىلغان ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

قاغىلىقتا بىر ناۋاينىڭ 3 خىتاينى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىقتا بىر ناۋاينىڭ 3 خىتاينى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقە «28-فېۋرال بەخت يولى ۋەقەسى»دىن 3 كۈن كېيىن يۈز بەرگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆلگەن خىتايلار، شۇ كۈنى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن قاغىلىق بازىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ناۋايغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ئەمما پىچاق كۆزلىگەن نىشانغا سانجىلمىغان. ھۇجۇمدا يېنىك زەخىملەنگەن ناۋاي، خىتاينىڭ قولىدىن تارتىۋالغان پىچاق بىلەن ئۈچ خىتاينى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتى2-ئاينىڭ 28-كۈنى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خىتايلاردىن 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلاردىن 7 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تىنچىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ گوللاندىيىلىك كارخانىچىلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

3-ماي گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ گوللاندىيىلىك كارخانىچىلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشقا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان 30 غا يېقىن ئۇيغۇر قاتناشتى. ئۇلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكا-پىلاكىلارنى كۆتۈرۈپ، يىغىن ئېچىلغان مېھمانخانا ئالدىدا توپلاندى ۋە نامايىشىنى داۋام قىلدى.

«جۇڭگونىڭ غەربىدىكى يېڭى بازار-شىنجاڭ» تېمىسىدىكى بۇ يىغىننى گوللاندىيىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 2012‏-يىلى 3‏-ماي دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان «ئەن ھا» مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يېغىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرلۈك ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايان قىلىپ، گوللاندىيىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن چۈش سائەت 12 يېرىمگىچە 4 سائەت داۋام قىلدى. نامايىشچىلار تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلدى. نامايىش تەشكىللىگۈچى ئورۇن- «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» نىڭ باشلىقى ئابدۇسالام ئەپەندى، مېھمانخانا ئىچىدىكىلەر بىلەن سىرتىدىكىلەرنىڭ مەقسەت-غايىلىرى ئىپادىلەنگەن باياناتىنى ئوقۇدى.

مەكتەپلەردىكى «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى» دا پەرقلەر مەۋجۇت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ رايوندىكى مەكتەپلەردە يولغا قويغان «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى»دا ھەر خىل پەرقلەر مەۋجۇت بولغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارغا تاقىتىلىۋاتقان خالتىلىق سۈتنىڭ ئاتا-ئانىلاردا ئەندىشە ياراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئوزۇقلۇق يېتەكچىلىرىنى سەپلەپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئەمما، بالىلارغا تارقىتىۋاتقان خالتىلىق سۈتلەرنىڭ ئىككى ئايغىچە بۇزۇلمايدىغانلىقى ھەمدە كېلىش مەنبەسىدىكى كۆپ خىللىق ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەمسىز قىلغان.

بەزى ئۇيغۇر مۇئەللىملەر مەزكۇر «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى»نىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە توختىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى»دىن كېيىن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.