2012.04.23
يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ۋەكىللەردىن باشقا يەنە، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى.
بوشۈن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە «يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلدى.» ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار مەسىلىسى، تەيۋەننىڭ تەجرىبىلىرى، خىتايلارنىڭ دېموكراتىك ھەقلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىن ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ياڭ جيەنلى، ۋاڭ دەن قاتارلىقلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن يەنە ئۆمەر قانات ۋە ئالىم سېيىتوفلار قاتناشتى.