2012.04.18

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تۈركىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ پارتىيىسى بولغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى كەمال قىلىچتاروغلۇ د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
قوبۇل قىلىشقا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى ئەمىنە ئۈلكەر تارخان خانىم ۋە خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندىلەر قاتناشتى.
قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن سېيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەن تەلەپلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى سۇندى.
ئۇ يەنە رابىيە قادىر خانىم ئەۋەتكەن 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئۇنىڭغا بەردى ۋە ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. سېيىت تۈمتۈرك سۆزىدە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇنداقلا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ 1936-يىلى قىلغان نۇتقىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئاخىرى بىر كۈن يىمىرىلىدىغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈركلەرنىڭ تىلى ۋە دىنى ئوخشاش قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي تۈركىيىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى كېرەكلىكىنى دېگەنلىكىنى، خۇددى ئاتاتۈرك ئېيتقاندەك 20 يىل بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى،قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ بۇ يوليورۇقى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
كېيىن، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى كەمال قىلىچتاروغلۇ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، پارتىيىسىنىڭ د ئۇ ق نىڭ ياپونىيىدە چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتىيىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتى بىلەن ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بىر سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەڭ كونا سىياسىي پارتىيىلىرىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باشلىقى كەمال قىلىچتاروغلۇنىڭ پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلىشى 20 مىنۇت داۋاملاشتى. قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى پارتىيە باشلىقى كەمال قىلىچتاروغلۇغا ئۇزاتتۇق.

بۈگۈن ئۇيغۇر ھەيئەتنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىڭىزدا قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدىڭىز. بۇندىن كېيىن پارتىيىڭىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارماقچى؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن مۇھىم بىر قائىدە ۋە قورال ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بىر پارتىيە. شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بار، خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بار. ھەتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى جەھەتتىن دۇنيادا چېمپىيون. شۇڭا بىز دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى يوقىتىپ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ھەق ۋە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ھۆرمەتلىك كەمال قىلىچتاروغلۇ ئەپەندى بەزى مۇتەخەسسىسلەر كېيىنكى يىللاردا تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باشلىقى كەمال قىلىچتاروغلۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«تۈركىيە پەقەتلا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگىلا ئەمەس، يىراق شەرق دۆلەتلىرىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، خىتايغا، ھىندىستانغا ۋە ياپونىيىگىچە بولغان بارلىق دۆلەتلەر، شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇزاق شەرق دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا تۈركىيە ئالاھىدە بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى بىز قېرىنداش مىللەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىش روھى ئاساسىدا ئىش قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ساغلام بىر زېمىن ئۈستىگە قۇرۇشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن.»
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باشلىقى كەمال قىلىچتاروغلۇ د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان سائەتلەردە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيىسىنىڭ يىغىنىدا قىلغان نۇتقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئايرىدى. بۇلار كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئورۇن ئالدىمۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولۇشقا باشلىدى.