د ئۇ ق 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە ياپونىيىدە چاقىرىلىدىغان 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات خادىملىرى ۋە تونۇلغان زاتلارنى تەكلىپ قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.04.13
duq-mustafa-elitash-305.pngسۈرەتتە د ۇ ق ھەيئەت ئەزالىرى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇستافا ئېلىتاشقا تەكلىپناما تاپشۇرۇپ بەرمەكتە
4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى دۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت ئەپەندى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەلىتاش، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت شاندىر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئوقتاي ۋۇرال قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ رابىيە قادىر خانىم ئەۋەتكەن تەكلىپنامىنى بەردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان كۈنلەردە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا زىيارەتتە بولغاچقا ئەردوغاننىڭ تەكلىپنامىسىنى ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسىگە بەردى. د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگىمۇ تەكلىپنامە بەردى. تۈرك رەھبەرلەر بۇ ھەيئەتنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ئۇچرىشىش قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتتى. ئۇلار ياپونىيىدە چاقىرىلماقچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – نۆۋەتلىق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى تىلىدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان د ئۇ ق ھەيئەت ئەزالىرىغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.