2012.04.12

-خىتاينىڭ مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتىدىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى نادان قالدۇرۇپ، بېسىۋېلىنغان زېمىنلارنىڭ مەڭگۈلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، -دەيدۇ يېقىندا گوللاندىيىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ياش مۇستاپا، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋە پراكتىكا قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى يەكۈنلەپ.

مۇستاپا ۋەتەن-مىللىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تېرىشقان ۋە خوتەننىڭ يىراق يېزىلىرىغا پراكتىكا قىلىپ بېرىپ، جەنۇب-شىمال ئارىسىدىكى مائارىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەت-ساپاسى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىكى روشەن پەرقلىرىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان.