شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان دېگەن نامغا ئىگە بولغان ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر كۆپچىلىكنىڭ بۇ خەلققە بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى بايقالماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.04.11

qehriman-ghojamberdi-305.jpgد ئۇ ق سابىق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى.

بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ خەلقئارا تەشكىلاتلار، دۆلەتلەر ھەم پارتىيىلەر، سىياسىيونلار ھەم ئانالىزچىلار، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر تەقدىرىگە، ئۇنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەم مەدەنىيىتىگە، بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم كېلەچىكىگە كۆپرەك ئاغدۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئورۇن ئالغان قانلىق ۋەقەلەر زادى نېمىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسى خەلقئارادا قانداق خاراكتېردە چۈشەندۈرۈلۈۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىلىۋاتامدۇ ياكى ئۇ بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن بۇرمىلىنىۋاتامدۇ؟ ئۇنىڭغا خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى قانداق ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ؟ يۇقىرىقىغا ئوخشاش كۆپلىگەن سوئاللار ھەر كىمنى ئويلاندۇرماقتا. بولۇپمۇ مۇنداق مەلۇماتلارنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئوبيېكتىپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەققانىي تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىن.

يېقىندا «پەرغانە» خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى نىكولاي لېۋىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ق. غوجامبەردى «ئۇيغۇرىستان ئۆز پرېزىدېنتىنى تاللىۋالىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەقسەت-نىشانى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەم باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئەتراپىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قازاقىستاندىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

«پەرغانە» ئاگېنتلىقى ئىنگلىز، ئۆزبېك، فرانسۇز ھەم رۇس تىللىرىدا مەركىزىي ئاسىيا، شۇنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھاياتىغا بېغىشلانغان رۇسىيىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات مەركەزلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ق. غوجامبەردى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە يۆنىلىشلەردە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يا دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تەلەپلىرىنى، يا مىللىي-رايونلۇق ئاپتونومىيە قانۇنىنى تولۇق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتايلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوقىلىش خەۋپى ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ خىتاي رايونلىرىغا ئىش بىلەن تەمىنلەش باھانىسىدە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى، تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئەلدىكى تۈركىي خەلقلەر ئەنئەنىسىگە زىت كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا ئېنىق پاكىتلار كەلتۈرگەن.

ق. غوجامبەردى تىل مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، قوش تىللىق سىياسەت قالپىقى ئاستىدا ئۇيغۇر، قازاق مەكتەپلىرىنىڭ پەيدىن-پەي خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا كادىر مەسىلىسىنىڭمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي كادىرلارنىڭ پەقەت 30 پىرسەنتنىلا تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭمۇ بىسىم ئاستىدا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا بۆلگۈنچىلەرنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن، «ئەلقائىدە» بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئۆز تەرەپدارلىرىنى قوراللاندۇرۇۋاتقانلىقى توغرىلىق تەكىتلەشلىرىنى ق. غوجامبەردى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم كورلا، قاغىلىق، خوتەن، ئۈرۈمچىلەردە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەب ھەم ئاقىۋەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى ھەرىكەت ئۇسۇللىرىغا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن:
‏«بىزنىڭ تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسى زورلۇق قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى رەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرۇلتاي لىدېرى رابىيە قادىرمۇ ئېيتقان. ئۇ، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارچە، ئالتە يىل خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىقتى. ئامما رابىيە قادىر زورلۇق بىلەن، يەنە كېلىپ قوراللىق زورلۇق بىلەن، ئۇيغۇر خەلقى مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.»

ق. غوجامبەردى شۇنداقلا خىتاي ئىچىدىكى ھەم سىرتىدىكى ۋەزىيەتكىمۇ باھا بېرىپ، سۆھبەت ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تولۇق ئېتىراپ قىلغان پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈرگەن.