2012.03.30

قاغىلىق «28-فېۋرال ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى گۇمان قوزغىدى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، قاغىلىق 28‏-فېۋرال «بەخت يولى ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان ئابدۇكېرىم مامۇتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھۆكۈم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا گۇمان قوزغىدى.

گوللاندىيىنى بازا قىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ئاندېرىئو سۋان، مەزكۇر دېلونىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېز بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ سوتىدا «خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خىتاي قانۇنلىرىدىكى تەرتىپكە رىئايە قىلىنغانلىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور گۇمانى بارلىقى» نى ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن تەنقىد قىلغان ئىدى.

28-فېۋرال قاغىلىق بەخت يولى كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەگە قاتناشقان 9 ئۇيغۇر دىن 8 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە خىتاي پۇقرالىرىدىن ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكتىپلار ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەشنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكتىپلار ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەشنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى 2004-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە رەسمىي باشلانغان ئىدى. بۇ سىياسەت 2009-يىلىغا كەلگەندە «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا داۋام قىلماقتا.

يېقىنى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بۇ سىياسەتنى بىر قىسىم ئاكتىپلارنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر سىياسەتنى ماختاشقا ۋە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈزمە يېزىسى 5-كەنتىدىكى رەيھانگۈل ئېمىر 2007-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى جېجىياڭغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئەنە شۇ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

نورۋېگىيىدە نورۇز پائالىيىتى كاتتا ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا، نورۋېگىيە ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار 24-مارت نورۇزنى خاتىرىلىدى. ئامېرىكىدىكى نورۇز پائالىيىتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باش بولۇپ قاتناشتى.

نورۋېگىيىدىكى نورۇز پائالىيىتى مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسى تەييارلاپ كەلگەن مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئىنتايىن ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.

نورۇز يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتتە نورۇز ئېشى تەييارلاندى، باشقا ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ئوينالدى.

تۈركىيىنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىدە «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە 2012-يىلىنى «خىتاي يىلى» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارشى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

بۇ قارارغا ئاساسەن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتى سۇلايمان دېمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلار بېرىش يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدە توختالدى. يىغىننى ئىسپارتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

قېرىندىشى تۈرمىگە قامالغان بىر ئائىلىنىڭ 22 يىللىق كەچمىشلىرى

1990-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابى مەزگىلدە قولغا ئېلىنىپ، بۇ يىل 14-فېۋرال خىتاي تۈرمىسە ئۆلۈپ كەتكەن مەخەت ھەسەن تۈرمىدىكى ناچار تۇرمۇش شارائىتى سەۋەبىدىن ئورنىدىن قوپالمايدىغان بولۇپ قالغاندا تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن، ئەمما ئۇ مەزكۇر دوختۇرخانىدا داۋالاشقا ئېرىشەلمىگەن.

مەخەت ھەسەننىڭ ھەدىسى بۇسارەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەخەت ھەسەننى كېپىللىككە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تەلىپى رەت قىلىنغان. مەخەت ھەسەن تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولغان.

ھالبۇكى، كېسەل ئازابى ۋە ئاچلىق مەخەت ھەسەننىڭ ئادىمىيلىكى ۋە ئەرلىك بۇرچ تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئۇ ھەتتا جان ھەلقۇمىغا كەپ قالغاندىمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسەللى بەرگەن ۋە ھايات چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

«ئۇيغۇر خەلق داستانى چىن تۆمۈر باتۇر» ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشردىن چىقتى

«چىن تۆمۈر باتۇر داستانى» يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگەتان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

كىتابنى ئەسلىدە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلھەكىم مەمەت ئەپەندى ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسى قىلىپ تەييارلىغان.

223 بەتلىك بۇ كىتابتا «چىن تۆمۈر باتۇر داستانى» باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ داستانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنغان.