ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور قۇرۇلۇشىغا ھۆددىگەر بولۇپ قاتنىشىپ، سودا توختامنامىسىگە ئېرىشىشىگە چەكلىمە قويغان.
hua-wei-xua-wey-shirkiti.jpgخۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى نەنجىڭ شۆبىسى. 2011-يىلى 5-سېنتەبىر، نەنجىڭ.

ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىندىن بېرى يەنە يىرىكلىشىشكە باشلىدى. بۇ 2009-يىلى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇپ يىرىكلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر يىرىكچىلىكتۇر. بىراق بۇ قېتىمقى يىرىكچىلىكنى ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي خۇاۋېي شىركىتىگە چەكلىمە قويۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئانالىزچىلار ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا ئۇنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي خۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئەسۋابلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر شىركەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاۋسترالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور قۇرۇلۇشىغا ھۆددىگەر بولۇپ قاتنىشىپ، سودا توختامنامىسىگە ئېرىشىشىگە چەكلىمە قويغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك، ھەربىي تەرەپ ۋە خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ شىركەتنىڭ 38 مىليارد دوللارلىق تور قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئېرىشىشىنى چەكلەپ، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىيە گىللارد خانىم پەيشەنبە كۈنى كانبېررا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى ئاقلاپ، بۇنىڭ ھېچقانداق بىر خەلقئارا سودا كېلىشىم ۋە خىتاي بىلەن ئىمزالانغان توختامغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قارار خۇاۋېي شىركىتىنى ئاۋسترالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇلسا، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە سودا، ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ، ئاۋسترالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغانلىقى سىر ئەمەس. باش مىنىستىر گىللارد خانىم ئالدىنقى كۈنى بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ قارارنىڭ «زادى قانداق كونكرېت بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغانلىقى» غا ئىزاھات بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ يېقىن سودا شېرىكى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خۇاۋېي مەسىلىسىدىكى قارارى خىتايغا قاتتىق گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىر ئىپادىسىدۇر. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتايدەك دېموكراتىيىنى رەت قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچىيىشكە باشلىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پائالىيىتى ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ، ئۇلاردىكى گۇماننى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گىللارد خانىم چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئەسكەرتىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ كېلەچەكتىكى ھالقىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى ھەققىدىكى قارارى «توغرا مەسلىھەت، توغرا قاناللار ۋە توغرا سەۋەب ئاساسىدا چىقىرىلغان» لىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى»نىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، مەزكۇر قارار ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغانلىقى، ئۇلار بۇ شىركەتنىڭ خىتاي توربۇزارلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان بىر ھەربىي ئىنژېنېرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر كارخانا. بۇ شىركەتنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا سودا ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش، چۈنكى ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

گەرچە خۇاۋېي شىركىتى ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىشىغا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ باشقىلارنىڭ گۇمانىنى پەسەيتەلمىگەن. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەي تۇرۇپ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئاۋسترالىيىنى «ئاۋسترالىيىنىڭ ھەرىكىتى خىتاي شىركەتلىرىنى كەمسىتكەنلىك» دەپ تەنقىد قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: بىز ئاۋسترالىيە ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك نامىدا ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە بىر تەرەپلىمىلىك قارىماسلىقىنى ۋە توسالغۇلۇق قىلماسلىقىنى، ئۇلارغا كەمسىتىشتىن خالىي، ئەركىن ۋە ئادىل بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.

خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ تۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى كان بايلىقىغا مەبلەغ سېلىپ، ئاۋسترالىيىنى زور ئىقتىساد مەنپەئەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ئاۋسترالىيىنى ئىزچىل بىئارام قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولغان.

ئىككى دۆلەت ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تور بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئورتاق مۇداپىئە ھەمكارلىق پىلانىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان بىر دۆلەت بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ خىل ئورتاق مۇداپىئە ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈشى ئىدى.

بىراق ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گىللارد، چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە خىتايغا تەسەللى بېرىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي مەسىلىسىدىكى قارارىنى دەپ، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئومۇمى مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: بىر مەسىلىدىكى كۆز قاراش پەرقىنى دەپ، مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈش زور خاتالىقتۇر، دېگەن.